导航切换

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年07月05日
来源:天山网
【字体:


شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىجەي جيەنلەنفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن، لۇ جىنبو) شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، مېنىڭ دوستانە قوشنا دۆلەت قازاقىستاندا 5 ـ قېتىم زىيارەتتە بولۇشۇم، شۇنداقلا مېنىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشىم ھېسابلىنىدۇ. بايا مەن زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن سەمىمىي، دوستانە، مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدۇق، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشىنى ئورتاق پىلانلىدۇق، بىز يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا، تارماقلار ئارا كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدۇق، بۇ ھۆججەتلەر ئىقتىساد ـ سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن ـ تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولىدا يىلتىز تارتتى، شۇنداقلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيانقى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ جۇغلانمىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، بىر ـ بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىش، بەخت ـ سائادەتتىمۇ، جەبىر ـ جاپادىمۇ بىللە بولۇش جۇڭگو ـ قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولۇپ قالدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىزنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ھەرتەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.

بىز بىردەك مۇنداق قارايمىز: جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار. ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى قوللايدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئۆزئارا قەدىرلەشكە ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولىدۇ.

بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى بىر قاتلاشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى نىشانىنى بېكىتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يول خەرىتىسىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسى ۋە جۇڭگو ـ قازاقىستان 3 ـ چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى. ئىككى تەرەپ يەنە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئورتاق يېتىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

بىز بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بېيجىڭ تىل داشۆسى قازاقىستان شۆبىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتۇق، ئىشىنىمەنكى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاندا لۇبەن ھۈنەرخانىسىدىن يەنە بىرنى ئېچىشنى، كېلەر يىلى قازاقىستاندا «جۇڭگو ساياھەت يىلى» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. ئىككى تەرەپ تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، كىنو ـ تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرلەرنى دوستلۇق ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

بىز داۋاملىق تۈردە خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلات رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەم كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا قاتنىشىپ، خەلقئارا سەھنىدە «ئوتتۇراھال كۈچلۈك دۆلەت»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇپ، قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاستانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ راۋاجلىنىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەل بولماي تۇرۇپ قالغان ھېچقانداق مەسىلە يوق. تارىختا، جۇڭگو ئەزەلدىن قازاقسىتان تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ باقمىغان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلدى. جۇڭگو قازاقىستان تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان تاشقى مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى قازاقىستاننىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگوغا قارىتا ھەرتەرەپلىمە، دوستانە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى بارلىق زۆرۈر پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. قازاقىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەرئىككىلىسى تىنچلىق دىپلوماتىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. دوستلۇق قازاقىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بايلىقى، ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قازاقىستان ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»دا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.