«جۇڭگو ئۇلۇغ شەرق دۆلىتى»

日期:2024年05月30日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن يى، ساۋ جيايۆ

«سىز ئافرىقىدىكى نوپۇزلۇق سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پائال قوللايدۇ، دۆلىتىڭلارنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلققە جىددىي ياردەم بەرگەنلىكى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جىنپىڭ ناھىيەسىدە مەبلەغ ياردەم قىلىپ ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغانلىقىدەك ياخشى ئىشلىرىمۇ باشتىن - ئاخىر ئېسىمىزدە».

5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان كىرىش سۆز كىشىلەرگە چىن ھېسسىياتقا تولغان ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەتتى.

جۇڭگوغا 11 - قېتىم زىيارەتكە كەلگەن زۇڭتۇڭ ئوبىئاڭ رەئىس شى جىنپىڭغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇلۇغ شەرق دۆلىتى، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ياخشى قېرىندىشى ۋە ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئافرىقا - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى.

2008 - يىلى، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا 2 مىليون ياۋرو ئىئانە قىلىپ، قېرىنداش جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ 2015 - يىلى زۇڭتۇڭ ئوبىئاڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جىنپىڭ ناھىيەسىدە مەبلەغ ياردەم قىلىپ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى...

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى نوپۇسى 2 مىليونغا يەتمەيدىغان ئافرىقا دۆلىتى، ئۆز تەرەققىياتى يەنىلا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگو تەرەپكە ياردەم قولىنى سۇندى.

ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر - بىرىنى قوللىدى.

«جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ھەمكارلىقى باشتىن - ئاخىر باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان، ئەزەلدىن زورلاپ تاڭغان ئەمەس» دېدى ئوبىئاڭ زۇڭتۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈشى، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

شۇ كۈنى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق. يېڭى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر راستچىل - سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق قولىنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى.

بۇ يىل جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ يىل، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى كۈزدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو كەڭ ئافرىقىلىق قېرىنداشلار بىلەن يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدۇ. مۇنبەر قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئافرىقا سودا سوممىسى 20 نەچچە ھەسسە ئاشتى، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئافرىقىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى قوللىدى.

«ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىيات، ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن يېقىن كەلگۈسىدە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)