​«بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2024年05月14日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەلق گېزىتىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقاتتى

​«بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانشىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەلق گېزىتىنىڭ «بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق ئىمزالىق ماقالىسىنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كۆك رەڭلىك تاۋار - دۇردۇن كەبى دوناي دەرياسى ۋېنگىرىيەنىڭ شىمالىي چېگراسىدا ئەگىلىپ، شەرقتىن جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بۇداپېشتنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاندىن سېربىيەدىكى بېلگرادنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان توختىماي ئاقماقتا.

بۇ يىل جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ زىيارەتكە چىقىش مۇقەددىمىسى ياۋروپادىن باشلاندى. باش يازدىن كېيىنكى بۇ بىر ھەپتىدە، بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئۆتۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋۋال فىرانسىيەگە، ئاندىن سېربىيەگە، ئارقىدىن ۋېنگىرىيەگە باردى.

جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېقىندىن بۇيان ياۋروپادىن بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى بويلاپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي ئەربابلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ياۋروپاغا باردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاشۇ ئىللىق ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، ئاشۇ ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىق سەھىپىلىرىنى ۋاراقلىساق، ئۇنىڭغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغىنى شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدىكى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇشى، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ھەيۋەتلىك مەنزىرىدىن ئىبارەت.

ماقالە ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، يەنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆلچىمىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ دەۋر پۇرسىتىنىڭ سۈرئىتىگە قانداق يېتىشىۋېلىش كېرەك؟ ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ كەڭلىك دەرىجىسىنى قانداق كېڭەيتىش كېرەك؟

ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇداپېشت، ۋېرتۇ تاماقخانىسى. ئۇزىتىش چۈشلۈك زىياپىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ، بوران - چاپقۇنغا باش ئەگمەي پۇختا قەدەمدە بېسىپ كەلگەن يولنى ئەسلەپ، رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي ھەم قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ داۋاملىق تۈردە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار».

كۆز يېتىدىغانلا يەردىكى بۇدا قەلئەسى تېغى ئېتىكىدە، دوناي دەرياسى كېچە - كۈندۈز توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. چوڭ دەريا - ئېقىنلار بەزىدە تەتۈر ئېقىنغا بەزىدە خەتەرلىك ساھىللارغا دۇچ كېلىدۇ، ھالبۇكى ئۇنىڭ دېڭىزغا قويۇلۇش ۋەزىيىتىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.