شى جىنپىڭ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك
دىڭ شۆشياڭ يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى مائارىپ خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئوقۇتۇشقا ماھىر بولۇش، قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەش ئىشەنچى، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، كەڭ ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، روھىي قىياپىتى كۆتۈرەڭگۈ بولدى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ۋە ئومۇمىي ئېكولوگىيەسىدە پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە دۇچ كەلدى، جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان دەرس ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قولغا كەلتۈرگەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى مەزمۇن تىرىكى قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى كۈچ ئاساسى قىلىپ، داۋلىنى چوڭقۇر سۆزلەپ، ئېنىق سۆزلەپ، جانلىق سۆزلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنىڭ قاراتمىلىقى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سىياسىيدا كۈچلۈك، مۇھەببىتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى يېڭى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، قاتتىق تەلەپچان، پەزىلىتى دۇرۇس بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.
يېڭى دەۋردىكى مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيىتى، خەلق تۇرمۇشى خۇسۇسىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىز باسارلىرى بار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مائارىپ بۇرچىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى بىلەن پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان دەرسلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ تەربىيەلەش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋر ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» ئارقىلىق ئەتراپلىق ئادەم تەربىيەلەش يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي كىچىك دەرسخانىسى بىلەن جەمئىيەت چوڭ دەرسخانىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دەرس نىشانىنى تەدرىجىي، قەدەممۇقەدەم لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاش، ياقتۇرۇپ ئۆگىنىش، چۈشىنىپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش گەۋدىلەندۈرۈلگەن باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى، فۇدەن داشۆ، شەرقىي شىمال سىفەن داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، چاڭشا شەھىرى يۈيىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
لى گەنجيې، لى شۇلېي يىغىنغا قاتناشتى.
مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇنەۋۋەر ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندىن ئىلگىرى، دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك 159 - ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسنى تور ۋە تور سىرتىدا كوللېكتىپ تەييارلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس نەق مەيدان ئوقۇتۇشىنى ئاڭلىدى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.