شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېلگراد، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارنى سىيى، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
5 - ئايدىكى بېلگراد ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى. سېربىيە سارىيى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى ھەيۋەتلىك، جەڭگىۋار ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاپتوموبىل بىلەن يېتىپ بارغاندا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى تامارا ئاپتوموبىلدىن چۈشكەن جايدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ۋۇچىچ شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە بىرلىكتە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، ئون پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ۋۇچىچنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ۋۇچىچ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھۆكۈمەت سارىيى سۇپىسىغا كەلدى. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا، 15 مىڭ سېربىيە خەلق ئاممىسى جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، تەنتەنە سادالىرى بىردەم كۆتۈرۈلۈپ بىردەم پەسىيىپ، ئۇزاققىچە توختىمىدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كىچىك دائىرىلىك كۆرۈشۈش ۋە چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىشى بىلەن، ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە گۈزەل سېربىيەگە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھىم ئەمەلدارىنى باشلاپ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى، بولۇپمۇ بايا مەن ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، سېربىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوغا نىسبەتەن سەمىمىي دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، پۇختا سىياسىي ئاساسقا، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە، پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بولۇپمۇ 2016 - يىلى جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپ، دائىرىسى سىجىل كېڭىيىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق تۈردە ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، تەۋرەنمەس دوستلۇق روھىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - سېربىيە دوستلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سېربىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، سېربىيە جۇڭگو بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالدى، بۇ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئالاھىدە خاراكتېرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى جۇڭگو - سېربىيە تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ يۈكسىلىشى بولۇپ، ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى ۋە نىشان ئىنتىلىشىگە، ھەم تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەت ھەمدە دۇنيادىكى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغان، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
بىرىنچى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىي خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت يارىتىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق چوڭ تۈرلىرىنى ئورتاق ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاكتىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى سىجىل قويۇپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو - سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا ئېچىۋېتىشى مۇقەررەر يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ خاس، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا سېربىيەلىك 300 نەپەر ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ. سېربىيە تەرەپنىڭ بېلگرادتىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
ئۈچىنچى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجادىي خاراكتېرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى يارىتىپ، ئىجادىي ھەمكارلىقنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا سېربىيەلىك 50 نەپەر ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇشىنى قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپ بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇۋاپىق تەرەققىي قىلىشى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەمەلىي قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، گۇرۇھلار سىياسىي قارشىلىشىشى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ۋۇچىچ رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ سەمىمىي دوستى. سېربىيە كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، سېربىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ دۇنيا داھىيسى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىدىكى ماياكقا ئايلىنىپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەپلا قالماي، دۇنيا خەلقىنىڭ بەختىنىمۇ كۆزلەيدۇ. سېربىيە خەلقى جۇڭگودىن، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار ھەم ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگوغا ئوخشاش ئۇلۇغ دۆلەت بىلەن جانجىگەر دوست بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ. سېربىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ تەيۋەن قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، سېربىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگونى قىلچە ئىككىلەنمەي، قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي قوللايدۇ.
ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقى سېربىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا سېربىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بولۇپمۇ 2016 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، خېگاڭ - سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى غايەت زور ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پولات زاۋۇتىنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى كۈچەيتتى. سېربىيەنىڭ كەلگۈسى جۇڭگو بىلەن زىچ باغلانغان. سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى قەرەلىدە تاماملايمىز، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ سېربىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، سېربىيە - جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. بۈگۈن بىز سېربىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى سېربىيە - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدۇق، بۇ مۇقەررەر ھالدا سېربىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. سېربىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زومىگەرلىككە، زوراۋانلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى قوغدايدۇ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە «جۇڭگو - سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما بايانات»نى ئىمزالىدى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد - تېخنىكا، ئۇچۇر - ئالاقە، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
شۇ كۈنى چۈشتە، ۋۇچىچ بىلەن تامارا سېربىيە سارىيىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.