شى جىنپىڭ فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

日期:2024年04月30日
来源:天山网
【字体:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋە زىيارەت توغرىسىدىكى ئۈمىدنى تونۇشتۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسىدىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكرون، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارچېڭ شىن، شاۋ يىبو) فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكرون، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 10 ـ كۈنىگىچە يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە زىيارەت توغرىسىدىكى ئۈمىدنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇردى.

«بۇ قېتىمقى زىيارەت يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇشى، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيە ھەمدە جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ» دېدى لىن جيەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە تۇنجى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربتىكى چوڭ دۆلەت، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان جۇڭگو ـ غەرب مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسى مول ئۈنۈملۈك بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىدى.

«زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە باشقا جايلارغا بېرىپ پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ.» لىن جيەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو دۆلەت باشلىقىنىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ فىرانسىيەدە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، بۇ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا توغرا كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىگە پائال يۈزلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: سېربىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقى چوڭقۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە زىچ ماسلاشتى. جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ نېگىزلىك ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشقا، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

«زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.» لىن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتۈپ سېربىيەدە يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، بۇ، جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ۋېنگىرىيە ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەم جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ھەر ئىككىلىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات ئىشلىرىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق.

«زۇڭتۇڭ سۇليوك، زۇڭلى ئورباننىڭ رەئىس شى جىنپىڭنى ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا ئورتاق تەكلىپ قىلىشى ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا زۇڭتۇڭ سۇليوك، زۇڭلى ئوربان بىلەن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.» لىن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ قېتىمقى ئابىدىلىك زىيارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە دوستانە ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.