شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چۇڭچىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى باغچە رايونى، جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن كوچا باشقارمىسى مىنجۇ كەنتى مەھەللىسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك رەقەملەشكەن شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەرنى يېڭىلاش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى يولغا قويۇش، شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.