​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى​

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەر ۋە مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇمات خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئالاقىدار مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ھەم مەملىكەتلىك سانلىق مەلۇمات خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەيۋەنلىك ياشلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر پىلانلاپ، پائال تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەن مەبلىغى، تەيۋەن كارخانىلىرىنى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پائال تۈردە شىنجاڭدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تىرىشىپ ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رول ئويناپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى»دىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى، رولىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ دەل جايىدا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق نۇقتا، كۈچەش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش مۇھاكىمە قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سانلىق مەلۇمات خىزمىتى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش، كۈچ قوشۇش، يۈكسەلدۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننى ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دوكتور ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى تەخىرسىز تەلەپ. دىققەتنى دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار، جىددىي ئېھتىياجلىق، كەمچىل ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا دوكتورلۇقتا كەسىپلەر بويىچە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە نۇقتىلارنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دوكتور ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، رايون زور ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، «ئۈچ قوشۇن»نى كۈچلۈك قۇرۇشقا كۈچەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە دىنىي خادىملارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.