​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى​

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دىققەت جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن ئومۇمىي تەلەپنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن نۇقتىلىق ئىگىلەشكە تېگىشلىك «تۆت جەھەتتىكى مۇناسىۋەت»نى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش كېرەك.