​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك

日期:2024年04月20日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى​

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى​

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيە ئەۋزەللىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە قاتارلىق خىزمەتلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى نىزام چىقىرىش، كۈچلۈك نازارەت قىلىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنى سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى تەشۋىقات - لېكسىيەنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى ئاساس قىلىپ، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ۋەكىللەر كەڭ كۆلەمدە لېكسىيە سۆزلەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقە ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق ھېكايىسى، كىشىلىك ھوقۇق ھېكايىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك.