شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:


4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى 2 -، 3 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى، ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە ئۇزاق مەزگىللىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئىلگىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، بىر - بىرىگە خەۋپسىزلىك تەھدىتى شەكىللەندۈرمەيدۇ. جۇڭگو - گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، دۇنياغا پايدىلىق. دۇنيادا قانچىكى داۋالغۇش بولغانسېرى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى شۇنچە ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىي رىتىمى ۋە تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ گېرمانىيەگە قاراتقان سىياسىتى يۈكسەك تۇرغۇنلۇق ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئېچىۋېتىش كەڭ قورساقلىقى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرسىلا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقەررەر داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئۆزئارا چوڭقۇر گىرەلەشكەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت بازىرى يۈكسەك دەرىجىدە بىر - بىرىگە تايىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى «خەۋپ - خەتەر» ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىكى كاپالەت، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى پۇرسەت. مەيلى ماشىنا ياسىمىچىلىقى، ئاپتوموبىل قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردە بولسۇن، ياكى يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە بولسۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ قېزىشقا تېگىشلىك ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى بار. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت روشەن خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپورت قىلىپ، يەرشارىۋى تەمىناتنى بېيىتىپ، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئەمەلىي كەسىپكە تايىنىپ قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئەركىن سودىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇپ، بازار نەزەر دائىرىسى ۋە يەرشارىۋى نەزەر ئارقىلىق، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتتىن چىقىش قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ، دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىق توغرىسىدا كۆپرەك مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئادىل، ئاشكارا، ئوچۇق، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار. كۆپ قۇتۇپلىشىش ماھىيەتتە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان يولدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدا كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كىلىمات ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، رايون توقۇنۇشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شولىز مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر گېرمانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى قويۇق. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭىشىشى ھەمدە ئىستراتېگىيە، مالىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئۆتكەن ئىككى كۈندە، مەن ۋە گېرمانىيە كارخانا ساھەسى ۋەكىللىرى چۇڭچىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، گېرمانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت كارخانا ساھەسىنىڭ قويۇق، ياخشى ھەمكارلىقىغا بولغان تەسىراتىمىز چوڭقۇر بولدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ، بۇ، گېرمانىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمدە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، تىركىشىش، قارشىلىشىشنى قوللىمايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يادرو قورالى ئىشلىتىشكە ياكى تىنچلىق يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى، خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدىغانلىقى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە، توقۇنۇشنىڭ بۇرمىسىمان ئۆرلىشى ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىشقا قاراپ مېڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەر تىنچلىقنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىرقانچە پىرىنسىپنى ئىگىلەش كېرەك: بىرىنچى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىك كېرەك. ئىككىنچى، ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىق كېرەك. ئۈچىنچى، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش، زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىك كېرەك. تۆتىنچى، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان پاسسىپ تەسىرىنى ئازايتىش، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئالاقىدار تەرەپ ئەمەس، قاتناشقۇچى تەرەپ ئەمەس، لېكىن ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ياراشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە سۆھبەتلىشىشكە ئۈندەۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان، بارلىق تىنچلىق لايىھەسىنى ئادىل مۇزاكىرە قىلىدىغان خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنىڭ مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىلىشىنى قوللايدۇ، بۇ جەھەتتە گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ مۇنداق قارىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2728 - نومۇرلۇق قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، غەززە رايونىدىكى توسالغۇسىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئىجازىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا بالدۇرراق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى قوللاپ، تەسىر كۈچى بار دۆلەتلەرنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شولىز بىلەن بىللە ئايلاندى ھەم چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەپ، كەڭ قارالمىلار توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر :ئامانگۈل ئابدۇراخمان