​مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 8 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 8 - ئايدىن 2023 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالماي، ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك بايلىقى. بۇلار بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلارغىمۇ مەنسۇپ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قىممىتىنى قېزىش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، «ئىچكى ساراي»دا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا پۈتۈلگەن يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەتنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. دۆلەت جەۋھەرلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا مەدەت بېرىش ھەم يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش، ياخشى باشقۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۇنيا مول، رەڭدار مەدەنىيلىكتىن تەركىب تاپقان، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىختىن بۇيان ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى ئالقىشلاپ كەلدى. پۈتۈن يەرشارىدىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك مەدەنىيەت كۈچى قوشۇش كېرەك.