شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پېللېگرىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年04月15日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پېتېر پېللېگرىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سىلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە ئەنئەنىۋى دوستلاردىن، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. مەن جۇڭگو - سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ پېللېگرىنى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى ھەم جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.