ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى بىر مەقسەتتە بولۇپ پارلاق ئىستىقبالنى ئورتاق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى بېيجىڭدا ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، ئىككى قىرغاقتا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئىككى قىرغاقتىكى ھەر ساھە زاتلار، مۇتەخەسىس، ئالىملار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى كۆزلەنگەن، چوڭقۇر مىللەت ۋە دۆلەت مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھازىرقى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتقان تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىگە مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى بىر مەقسەتتە بولۇپ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئورتاق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنى قوغدىشىمىز كېرەك

«ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە. جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شانلىق، پارلاق، تەڭداشسىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ياراتقان، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە شەرەپ ھېس قىلىدۇ.» كۆرۈشۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا يۈزلىنىپ، پەلسەپىۋى قائىدىگە باي، ئىللىقلىققا تولغان مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

«بۇ تارىخىي كۆرۈشۈشكە گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىمەن.» ما يىڭجيۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە باشلاپ كەلگەن ياشلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەيۋەن ياڭمىڭ قاتناش داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى لياڭيى نەق مەيداندا مۇھىم سۆزنى ئاڭلاپ، قەلبىدىكى ھاياجېنىنى ئۇزاققىچە باسالمىدى.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 11 كۈنلۈك سەپەردە، لى لياڭيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر تەيۋەنلىك ياش گۇاڭدۇڭ، شەنشى، بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تارىخى، رېئاللىقى ۋە كەلگۈسىنى چوڭقۇر تۇتاشتۇردى. «بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈرەش تارىخىنى تېخىمۇ ئىگىلەپ، مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇق، بۇ بىر بۆلەك كەچۈرمىشىنى چوقۇم ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمىز» دېدى ئۇ.

بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈشى ھەم مۇھىم سۆز قىلىشى بولۇپ، تەيۋەن ئارىلىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

«چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەت، سەمىمىيلىككە تولغان، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان ياخشى كۆڭلى مۇجەسسەملەنگەن.» تەيۋەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋۇ رۇڭيۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا يۈزلىنىپ «تۆت قەتئىي»ىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى تىنچ بىرلىككە كېلىش، ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

تەيۋەن «جۇڭگو مەدەنىيەت داشۆسى» چوڭ قۇرۇقلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ جيەنمىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت قەتئىي» بىردەك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۆرىدەپ يېشىپ بېرىلگەن، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرقى تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتە مۇھىم رولغا ئىگە.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق، تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن تارىخى جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىيات تارىخىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى. نۇرغۇن قەدىمىي كىتابلاردا خاتىرىلەنگەن تارىخ بۇنى تولۇق، كۈچلۈك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى» دېدى جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ باشلىقى ليۇ چېڭيۇڭ.

ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ شىئەن شۆبە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت قىلدى، ليۇ چېڭيۇڭ ئالايىتەن نەق مەيدانغا كېلىپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ «قەدىمىي كىتاب نەشر نۇسخىلىرىغا قارىتا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تېنىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنى ئېقىۋاتقانلىقىنى، قەلبىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھىدى سىڭىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

«ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تىلىدا سۆزلەيدۇ، جۇڭگو يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئورتاق قان تومۇرى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بار.» بېيجىڭ بىرلەشمە داشۆسى تەيۋەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ سۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا دائىر بىمەنە، قالايمىقان تارىخ قارىشىغا ئىنتايىن كۈچلۈك رەددىيە بەردى، شۇنداقلا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرىدىغان «جۇڭگو تارىخى دەرسى»نى تولۇقلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قەتئىي غەيرىتى ۋە ئىرادىسىنى جاكارلىدى.

تەيۋەنلىك تارىخشۇناس، بىرلىككە كېلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى چى جيالىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پولاتتەك پاكىتلار ئىككى قىرغاقنىڭ ئايرىلماس تارىخىنى پۈتۈپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقنىڭ بىر دۆلەتكە تەۋە، بىر مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەش بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى دەپ تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، تەيۋەن خەلقىنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشتەك ياخشى كۆڭلى، سەمىمىيىتىنى نامايان قىلدى» دېدى بېيجىڭ داشۆ تەيۋەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى يىخۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئارزۇغا ئىنتىلىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بازار كۆلىمى غايەت زور، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلىدۇ، بۇ يەردە نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى غايە ـ ئىنتىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.» گۇاڭدۇڭ جۇڭشەن داشۆدىكى تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچى شۈ مىنشەن بۇ قېتىم «ساھىبخانا» سۈپىتىدە ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەكتەپكە زىيارەتكە كەلگەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئارالدىكى ياشلار بىلەن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى، تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى. چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئۇ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، بۇ يەردە داۋاملىق قېلىپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

بۇ قېتىمقى سەپەردە، ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى داجياڭ، تېڭشۈن، بىيادى قاتارلىق يەرشارىۋى داڭلىق كارخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، «ئەسىر قۇرۇلۇشى» شياڭگاڭ ـ جۇخەي ـ ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى كۆرۈپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلار تەيبېي داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى لىن شىنيۆدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. مەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىكى ھالقىشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، بۇ ئىلگىرىكى بىلگەنلىرىمگە قەتئىي ئوخشىمايدىكەن.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تەيۋەنگە قايتقاندىن كېيىن كۆرگەنلىرىم، ئويلىغانلىرىمنى ساۋاقداشلىرىمغا ھەمبەھرىلەيمەن، ئارالدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ دېڭىز بوغۇزىدىن ھالقىپ، ھەقىقىي چوڭ قۇرۇقلۇقنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى ھېس قىلدىم.» كىنو رېژىسسورى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان تەيۋەن شىشىن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۇ ۋېيئېن مۇنداق دېدى: «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ كىنوچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋېتىپتۇ، كەلگۈسىدە مېنىڭ كېلىپ تەرەققىي قىلغۇم بار، بۇ دەۋرنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى دەۋرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن».

لى يىخۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى روشەن، بازار بوشلۇقى كەڭ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى سىجىل يۈكسىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرى، بولۇپمۇ تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇق ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مېھىرلىك تۇپراقتا چوڭ ـ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

تەيۋەنلىك ياش ليۇ تيەنتىڭ شېنجېندا ئىگىلىك تىكلىگىلى كۆپ يىل بولغان، ئۇنىڭ بولكا ئويما ئەسىرى ئىلگىرى دۇنيادىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىرى كۈندىن ـ كۈنگە روناق تاپماقتا. بۇ قېتىم ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شېنجېن پىڭئەن پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت قىلغاندا، ئۇ چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىدى.

«بىز چوڭ قۇرۇقلۇقتا خىزمەت قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، نۇرغۇن ئېتىبارغا ۋە يار ـ يۆلەككە ئېرىشتۇق.» ئۇ مۇنداق دېدى: پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا زىيارەتكە كەلگەن تەيۋەن ياشلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ تەرەققىي قىلىش قىزغىنلىقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم، ئارالدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ «ئىككى قىرغاقتىكى ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى»لەر سېپىگە قوشۇلۇشىنى قارشى ئالىمەن.

قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك

«باش شۇجى شى جىنپىڭ: <قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك> دەپ تەكىتلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بولغان ئىنتىلىشنى نامايان قىلدى، <ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك>، <ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىشەنچىنى چىڭىتىشى كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشى ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، پائال، چوڭقۇر ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى جۇ سۇڭلىڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەزەلدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، دائىم بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، بېرىش ـ كېلىش قىلغانسېرى يېقىن ئۆتكىلى، بېرىش ـ كېلىش قىلغانسېرى مېھىر ـ مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تىكتاك توپ ئولىمپىك چېمپىيونى، بېيجىڭ داشۆ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ لېكتورى دىڭ نىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

دىڭ نىڭ بۇلتۇر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە تەيۋەنگە بېرىپ ئالماشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى، بۇ قېتىم بېيجىڭ داشۆدە تونۇش تەيۋەنلىك ساۋاقداشلىرىنى كۆرۈپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. «ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ئۆزئارا چۈشىنىشتى، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمكارلىقنى كېڭەيتتى، يۈرەك ساداسىنى ئورتاق ئېيتتى، بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئەڭ قىممەتلىك، بىز ئايرىلماس بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى ئۇ.

چىڭمىڭدا شۈەنيۈەن خۇاڭدىغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، چىن شىخۇاڭ دىلىڭ مۇزېيى، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى، گۇگۇڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى... بۇ قېتىمقى چوڭ قۇرۇقلۇق سەپىرى زىيارەتكە كەلگەن تەيۋەن ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر قېتىملىق چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سەپىرى بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر مەنىلىك سۆزى ئۇلارنى يول بويى كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ جۇغراپىيە، ئادىمىيەت، ئۆرپ ـ ئادەت، تارىخىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇ قېتىمقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سەپىرى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى ۋە تەسىرلەندۈردى.» تەيۋەن چېڭگۇڭ داشۆسىدىن كەلگەن ليۇ بىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: يەندى ـ خۇاڭدى ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىر خىل بۇرچ.

«ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك». بۇلتۇر تەيۋەنگە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قاتناشقان بېيجىڭ داشۆنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ياڭ چېن مۇنداق دېدى: تەيۋەنلىك ساۋاقداشلار بىلەن بىللە تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇپ، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى چىڭ باغلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك

«ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاندىلا، ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسى ياخشى بولىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.

«ساۋاقداشلار بۇ قېتىمقى سەپەردىكى تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ ـ ئارىلاپ باش لىڭشىتىپ ھەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى، مەن بەك يېقىنلىق ھېس قىلدىم، ئىللىقلىق ھېس قىلدىم» دېدى تەيۋەن سىياسىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياۋ سىيۈەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنى ئۆزئارا كۆپرەك ياردەم بېرىش، كۆپرەك ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.» لى لياڭيى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار ئالدىنقىلارنىڭ تۆھپىسى ئاساسىدا بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

تەيۋەن شىنجۇدىن كەلگەن خۇاڭ يۈزى بېيجىڭ داشۆدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بېيجىڭ داشۆگە كەلگەندە ئۆتكۈزۈلگەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. «ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ <قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشى> <ئۆز ئالدىغا تىرىشىش>قا قارىغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتالايدۇ» دېدى ئۇ.

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار بەس ـ بەستە ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

«ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى دىڭ نىڭ.

«ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، بىز مۇزنى ئېرىتىپ كۆۋرۈك سېلىپ، ھەمكارلىق گۈللىرىنىڭ خۇش ھىدىنى ئورتاق كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ليۇ بىڭرۇي.

«ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشى كېرەك» دېدى ياڭ چېن.

بۇ قېتىم ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جۇڭشەن شەھىرىگە بېرىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت قىلدى. كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان خاتىرە سارىيى تەشۋىقات ـ تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جىن شىن مۇنداق دېدى: سۇن جۇڭشەن ئەپەندى باشتىن ـ ئاخىر تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن، ئۆمۈر بويى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقارغان، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

شيامېن داشۆ تەيۋەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى قانداق ئويلىنىش، قانداق ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېتىقاد ـ ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىگەندىلا، چوقۇم ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ئۇلۇغ شان ـ شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولالايدۇ.

(مۇخبىرلار چېن جيەنشىڭ، جاۋ بو، شى لۇڭخۇڭ، ۋاڭ چېڭخاۋ، شاڭ خاۋ، ۋېي مېڭجيا، خۇڭ زېخۇا، ۋاڭ جيالىن، چى فېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)