شى جىنپىڭ ۋە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، زۇڭتۇڭ لۇلا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2023 - يىلى 1 - ئايدا بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى يەنە بىر قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، «ئېشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش پىلانى» «يېڭى سانائەت پىلانى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچىدى. بۇ قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش»نى باش تېما قىلىپ نەزەرىيە جەھەتتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

لۇلا تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرغان، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرغان 50 يىل. بۇلتۇر، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. بىرازىلىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئەنئەنىۋى مېخانىزملىرىنى مۇستەھكەملەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو»، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىپ دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى، «ئاساسىي تۆت دۆلەت» قاتارلىق جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق مېخانىزمىنى كۈچەيتىمىز. بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قېتىم ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7 - نۆۋەتلىك نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ھەم ئورتاق قىزىقىدىغان قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز ئىككى تەرەپ چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتى تاپالايمىز. بىرازىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھاسىل قىلىدۇ.