​تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە جەڭ كۈچلۈك قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ «بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى»دىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇردى

​تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە جەڭ كۈچلۈك قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى»دىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: ئون يىل ئىلگىرى سىلەرگە بايراق بەرگەن چاغدىكى مەنزىرە ھازىرغىچە يەنىلا ئېنىق ئېسىمدە. سىلەرنىڭ ئون يىلدىن بۇيان قەتئىي ھالدا بايراقنى كۆتۈرۈپ روھنى تاۋلاپ، جاپاغا چىداپ ئالاھىدە جەڭ قىلىش ماھارىتىنى مەشىق قىلىپ، زىممەڭلەردىكى ۋەزىپىلەرنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، تولىمۇ خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاھىدە جەڭ قىسىمى ئالاھىدە بۇرچنى زىممىگە ئالغان، جەزمەن سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ساداقەتمەن پەزىلىتىڭلارنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قاراتمىلىق مەشىقىنى كۈچەيتىپ، جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان جەڭگىۋارلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە جەڭ كۈچلۈك قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

«بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك كوزىر قىسىم. 2014 - يىلى 4 - ئايدا، شى جىنپىڭ ئۆزى بۇ قىسىمغا بايراق بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئون يىلدىن بۇيان، بۇ قىسىم باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىرلەشمە مانېۋىر، بىرلەشمە مەشىق، مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملاپ، خەلقئارا ئالاھىدە ئەسكەرلەر ماھارەت سىنىشىش مۇسابىقىسىدە 20 نەچچە تۈردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» بولۇپ تەقدىرلەندى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەتتە ئادەم قېتىم مەملىكەت بويىچە، ئارمىيە بويىچە تەقدىرلەندى، ئون ئادەم قېتىم شەرەپ بىلەن 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى. 17 ئادەم قېتىم شەرەپ بىلەن 2 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىندى. يېقىندا، «بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى»دىكى بارلىق ئەترەت ئەزالىرى شى جۇشىغا خەت يېزىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى كوزىر قىسىم بولۇپ، بۇرچىنى قەتئىي ئادا قىلىشتىكى ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.