شى جىنپىڭ فىرانسىيە مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەرىيئو ئەر ـ خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرسۈن يى) 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا فىرانسىيە مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەرىيئو ئەر ـ خوتۇن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مەرىيئو ئەر ـ خوتۇن ھەمدە مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن داۋالغۇش مەزگىلىگە كىردى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق سەھىيە ـ ساغلاملىق خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك توقۇنۇشلارغىمۇ يۈزلىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ فىرانسىيە دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدە بىر قاتار ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەرىيئو فوندى جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

مەرىيئو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، فىرانسىيە خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. مېنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقەم ۋە دوستلۇقۇم بۇنىڭدىن 46 يىل ئىلگىرى باشلانغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە باشتىن ـ ئاخىر دىققەت قىلىپ كەلدىم ھەم قايىل بولدۇم. مەرىيئو فوندى جەمئىيىتى فىرانسىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقى ۋە سەھىيە، ساغلاملىق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.