شى جىنپىڭ ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月09日
来源:天山网
【字体:

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرسۈن يى) 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىيېتنام پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ تىڭخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ۋاڭ تىڭخۇيگە باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئىككىمىز ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مەن باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلەشمەكتە. مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك بولۇش، تەقدىرداش بولۇش جۇڭگو ـ ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، «يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش» جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى قوغداش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىدۇر. ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئارقىلىق جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل ـ پاراسەت ئارقىلىق جۇڭگو ـ ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ياشلار، دوستانە شەھەرلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى يوللار ئارقىلىق ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ تىڭخۇي باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يولداش ھەم قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە چىن قەلبىدىن قايىل. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق نىشانلارنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى سوتسىيالىزمنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى بولۇپ، ۋىيېتنامنى پايدىلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگونىڭ جەزمەن ئۆز قەرەلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ۋىيېتنام تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، شىزاڭغا ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جۇڭگو جەزمەن ئۇزاق مەزگىل مۇقىم بولۇش ۋە گۈللىنىش ھالىتىنى ساقلايدۇ. ۋىيېتنام تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونى ۋىيېتنامنىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى قىلىدۇ، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ بېكىتكەن «ئالتە تېخىمۇ» نىشانىغا ئاساسەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىدۇ. ۋىيېتنام پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى پۇختىلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋىيېتنام ـ جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى، ۋاڭ دۇڭمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.