شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىرىئام سىپىتېللى دېبونوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مالتا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالتا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 52 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، مەدەنىيەت - مائارىپ، تېببىي دورا، سەھىيە ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن جۇڭگو - مالتا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مالتا مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.