ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋىرى) 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاجىز سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىدىن باشلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ھەم شىمالىي ئېتىكى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلار بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيانقى تۇنجى كەڭ دائىرىلىك ھۆل-يېغىننى كۈتۈۋالغان. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 18:30 غىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغقان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆل-يېغىن قارا يامغۇر دەرىجىسىگە يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزگىچە داۋاملىشىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆل-يېغىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزگىچە داۋاملىشىدىكەن.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇدا يامغۇر يېغىپ، قىسمەن يوللاردا سۇ يىغىلىپ قالدى.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى
مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولۇپ، تاغلىق رايونلاردا يامغۇر يېغىپ قارغا ئايلىنىدىكەن، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىلى ئوبلاستى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونىدا ئارىلاشما كەلكۈن، كەلكۈن ئاپىتى ۋە ئالتاي تاغلىق رايونىدا قىسمەن جايلاردا قار كۆچۈشتىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىشىنى ئەسكەرتتى.
سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ «شەرققە كىرىشى»نىڭ تەسىرىدە، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئەڭ كۈچلۈك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇلازىمىتى باش مۇتەخەسسىسى جاڭ يۈنخۇي مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا كەڭلىك تۆۋەن بېسىم ئوقۇرىنىڭ تەسىرىدە، بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا ھۆل-يېغىن بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولدى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئانچە كۈچلۈك بولمىدى، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5-8 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىدى. ھازىر شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تېخى كەڭ كۆلەمدە باشلانمىدى، شۇڭا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كېۋەز تېرىشقا پايدىسىز، شۇڭا پايدىسىز مەزگىلدىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا يازغى بۇغداي تېرىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يازغى بۇغداي تېرىش باشلاندى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كۈزگى بۇغداي كۆكلەپ چىقتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا كۈزگى بۇغداي كۆكلەش مەزگىلىگە يىللاردىكىدىن بالدۇر كىردى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كېۋەز تېرىلىشقا باشلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۆرۈك چېچەكلەش مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل قاتارلىقلار بىخ يوغىناش ۋە بىخ ئېچىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.
مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندىن 3-كۈنى سەھەرگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك پەيدا بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە باغۋەنچىلىك قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىرلەرنىئېلىپ كېلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېمپېراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.