شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باسرۇ دىئومايې فايېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو سېنېگال بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلاشتى. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ بۇ يىل جۇڭگودا جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. مەن جۇڭگو - سېنېگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان فايې بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - سېنېگال، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.