导航切换

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2024年03月30日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2024 - يىللىق جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى نەچچە مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش گۈزەل داستانىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى. 2013 - يىلى، مەن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى دوستلۇقىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت ھەمكارلىقى جۇڭگو - قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى ماكانلاشتى، ياشلار ئارىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش تىللاردا داستان بولۇپ ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى، كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە 2024 - يىلىنى جۇڭگونىڭ قازاقىستان ساياھەت يىلى دەپ جاكارلىدۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ساياھەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭ يىللىق دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»نى ياخشى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

توقايېف تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا دوستانە قوشنا دۆلەت، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. قازاقىستاننىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مەشھۇر جايلار ۋە قەدىمىي يادىكارلىقلىرى كۆپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك، گۈزەل، خەلقى قىزغىن، مېھماندوست، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغان ساياھەت مەنزىلگاھى بولالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ بىر قاتار ساياھەت يىلى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ قازاقىستانغا بولغان چۈشىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

2024 - يىل جۇڭگو «قازاقىستان ساياھەت يىلى» شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن قازاقىستان ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.