شى جىنپىڭ ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو بىلەن جۇڭگو ـ ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年03月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 3 ـ ئايدا، جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇلتۇر 6 ـ ئايدا، زۇڭتۇڭ خانىم جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھوندۇراس تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى، مەن بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ چىقىرىلغان توغرا سىياسىي ھۆكۈم، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. مەن جۇڭگو ـ ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ كاستىرو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا قوللاشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.

كاستىرو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيلىككە ئىگە بولۇپ، تارىخىي مۇساپىدە ئاساسلىق رول ئوينىدى، ئۇ، دۇنيانىڭ ئۈلگىسى، شۇنداقلا ھوندۇراسنىڭ مۇھىم ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر يىلدىن بۇيان، بىز جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يەرشارىۋى نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرىغا زور كۈچ قوشقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇق. ھوندۇراس تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.