شى جىنپىڭ ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2024年03月26日
来源:天山网
【字体:

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئادىئاڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرليۇ خۇا) 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 1 - ئايدا، ناۋرۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسىي قارارنى چىقاردى، بۇ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇن كەلگەنلىك، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقانلىق. دوستلۇق ئىلگىرى - كېيىن دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت باشلانسىلا، پارلاق ئىستىقبالى بولىدۇ. ھەمكارلىقنىڭ چوڭ - كىچىكى بولمايدۇ، پەقەت سەمىمىي بولغاندىلا، مول نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. جۇڭگو - ناۋرۇ مۇناسىۋىتىدە يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىلدى. جۇڭگو تەرەپ ناۋرۇ تەرەپ بىلەن بىللە، جۇڭگو - ناۋرۇ مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن پەزىلىتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات دەپ ئايرىماي، ھەممىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بۇ بىر بېلىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ. جۇڭگو - ناۋرۇ مۇناسىۋىتى بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىر - بىرىنى قوللايدىغان مۇناسىۋەت. جۇڭگو تەرەپ ناۋرۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ناۋرۇنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئاساستا ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ناۋرۇ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ناۋرۇنىڭ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان يەنە بىر دۆلەت بولغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ناۋرۇ تەرەپ بىلەن سودا سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ھەم ناۋرۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمىغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، ياشلار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ناۋرۇدىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ناۋرۇنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى خالايمىز. جۇڭگو تەرەپ ناۋرۇ تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئادىئاڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىياتىدىن بەھر ئالغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم. يېقىندا، ناۋرۇ تارىخنىڭ توغرا بىر تەرىپىدە تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا جۇڭگو بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇ، ناۋرۇ - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم ئابىدە بولۇپ، ناۋرۇنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىدا ۋە ناۋرۇ - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھپە ئاچتى. ناۋرۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناۋرۇ بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىش قىلىشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، مول نەتىجىلىك بولغان ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن يەرشارىۋى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، پەقەت ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بولغاندىلا، ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلار مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ناۋرۇ تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئادىئاڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ناۋرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. ئادىئاڭ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا ئادىئاڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.