شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى بۇرتون بىلەن جۇڭگو - دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年03月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دومىنىكا زۇڭتۇڭى بۇرتون بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دومىنىكا جۇڭگونىڭ كارب رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن دومىنىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقلەرنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بۇرتون بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - دومىنىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمەن.

بۇرتون مۇنداق بىلدۈردى: دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈچلۈك، مول نەتىجىلىك بولدى. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بىلەن دومىنىكا زۇڭلىسى سىكەررېت ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايدۇ.

سىكەررېت مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، دومىنىكا بىلەن جۇڭگو بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى چۈشىنىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى دومىنىكانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدىغانلىقى ۋە راۋاجلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.