شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر مۇزىكا زالىدا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ موسكۋا ئوبلاستىدىكى بىر مۇزىكا زالىدا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.