تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ «تۈۋرۈك»ىنى تىكلەش

日期:2024年03月23日
来源:天山网
【字体:

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، ۋۇ چىچياڭ

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم چاڭشادا يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق رايون تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، بۇ قېتىمقى يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بويىچە 7 - مەيدان سۆھبەت يىغىنى. «كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە غەربىي قىسىم رايونلارنى كەڭ ئېچىش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئاچىمىز، بۇ يىغىنلارنى ھەر نۆۋەتتە بىر قېتىم ئېچىپ، خىزمەتلەرنى بىرمۇبىر تۇتۇپ، نۆۋەتمۇنۆۋەت تۇتۇپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىپ، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەزمەن نەتىجە يارىتىمىز...» ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان سىجىل تۇتۇش، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلماسلىق باش شۇجىنىڭ خىزمەتلەرنى تۇتۇشتىكى ئىرادىسى، جاسارىتى ۋە ئۇسۇلى.

2020 - يىلى باش شۇجى خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھاياجانلانغان ھالدا: «بىز ھازىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قىسىم ۋاقىت تۈگۈن نۇقتىلىرىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەنىدى. شۇ چاغدا، «13 - بەش يىل» ئاخىرلىشىش ئالدىدا، «14 - بەش يىل» باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. 2024 - يىلى، بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ ئاچقۇچلۇق بىر يىلغا قەدەم قويدى. يېڭى تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭىدىن يولغا قويۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە پۈتۈن مەملىكەت دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن بىر قىسمىنى، نوپۇسى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى يارىتىۋاتقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال بازىسى، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت تۈگۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

بەش يىل ئىلگىرى، باش شۇجى جياڭشى نەنچاڭدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. «بۇ بەش يىلدا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ سىجىل ئىلگىرىلىدۇق، نەتىجە ناھايىتى زور، ئۈنۈم ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى».

بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. باش شۇجى بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىشەنچ ۋە كۈچكە تولغانىدى: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالاقىدار خىزمەت پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەر كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشى ئارقىلىق شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلگەن كونكرېت لايىھە قىلىپ شەكىللەندۈرۈلىدۇ ھەم ئالتە ئۆلكىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدۇ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشى يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋالىدۇ».

دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇش

يىلنىڭ بېشى باھاردىن باشلىنىدۇ، پۈتۈن يىللىق ياخشى ھوسۇل ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا باغلىق.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى مەزگىلى بولغاچقا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن چاڭدې شەھىرىنىڭ دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بويىچە 10 مىڭ مولۇق ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونىغا كەلدى.

بىپايان مۇنبەت دالا، زۇمرەتتەك سۇلار تەكشى كەتكەن مۇنبەت ئېتىزلارنى ئوراپ تۇراتتى، باھار شامىلىدا ياپيېشىل شال مايسىلىرى، ئالتۇن رەڭ چېچەكلىگەن قىچا مايسىلىرى ئىرغاڭلايتتى، ھاۋانى تۇپراقتىن تارالغان خۇش ھىد قاپلىغانىدى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلەك رايونىدا سورتلارنى بىرتۇتاش ئەلالاشتۇرۇش، مايسىنى ماشىنىدا بىرتۇتاش تىكىش - كۆچۈرۈش، ماشىنىدا بىرتۇتاش چوڭقۇر ئوغۇتلاش، بىرتۇتاش يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، فىزىكىلىق - خىمىيەلىك تېخنىكىنى بىرتۇتاش قوللىنىپ، ئېتىز قىرىدىن پايدىلىنىپ دادۇر تېرىش، قىشلىق بوش ئېتىزلاردىن پايدىلىنىپ يېشىل ئوغۇت ئۆسۈملۈكى تېرىشتىن ئىبارەت «بەش بىرتۇتاش، ئىككىدىن پايدىلىنىش» تېخنىكا ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، چىلگە شال، كەنجى شالنىڭ ئىككى پەسىلدىكى مو بېشى ھوسۇلىنى 1152.3 كىلوگىرامغا يەتكۈزدۇق.

باش شۇجى ئېتىز بويىدىكى چىغىر يولنى بويلاپ، ئېتىزلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى.

بىر چەتتىكى شاللىقتا كىشىلەر شال مايسىسى يېتىشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، مايسا تاختىسىغا ئۇرۇقلار ئەمدىلا تېرىلغانىدى. «سىلەرنىڭ بۇ جايدا مايسا كۆچۈرۈش قاچان باشلىنىدۇ؟» باش شۇجى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ تەپسىلىي كۆردى ھەم نەق مەيداندىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىدىكىلەر، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«4 - ئاينىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا باشلىنىدۇ».

«جەنۇبتا چىلگە شال مايسىسى كۆچۈرۈش 5 - ئايغا قالمايدۇ - ھە!» باش شۇجىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرىدى.

«بىر مو يەردىن قانچىلىك ساپ كىرىم قىلالايسىلەر؟» دەپ سورىدى باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا.

«قىچىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىساق، يەر تېرىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى قوشقاندا، تەخمىنەن 1300 يۈەندىن 1400 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمىز».

نەق مەيداندىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىن چېن شۇەييۈ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 2800 مودىن ئارتۇق يەردىكى شاللىقنى ھۆددىگە ئالغانىدى. باش شۇجى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ سورىدى: «داشۆدە قايسى كەسىپنى ئۆگەنگەنىدىڭىز؟ قايتىپ كەلگىنىڭىزگە قانچىلىك بولدى؟»

«مەن سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگەنگەن، قايتىپ كەلگىنىمگە توققۇز يىل بولدى».

«مۇشۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاشتىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«جەزمەن داۋاملاشتۇرىمەن، ھازىر دۆلەتنىڭ ئاشلىق تېرىشقا مەدەت بېرىش سالمىقى ناھايىتى زور بولۇۋاتىدۇ، بىز ئىشلىگەنسېرى تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇق!» دەپ جاۋاب بەردى يىگىت ئۈنلۈك قىلىپ.

ئۈمىدكە تولغان دالىلاردا ياشلىق سىيمالىرى جانلانغانىدى. ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرى تاپشۇرغان ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە تېخنىكا ئارقىلىق يېڭى مەنزىل ئاچتى.

شاللىقتىن ئايرىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ گاڭجۇڭپىڭ كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى دەي خۇڭ ئائىلىسىگە بېرىپ يوقلىدى. ھويلىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن تەييارلانغان مايسا تىكىش ماشىنىسى، مايسا كۆچۈرۈش ماشىنىسى، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ھەمدە ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

دەي خۇڭ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ 480 مودىن ئارتۇق شال ئېتىزىنى ھۆددە ئالغانلىقىنى، ھەممىسىگە قوش پەسىللىك شال تېرىغانلىقىنى، بۇلتۇر تېرىقچىلىق ساپ كىرىمىنىڭ 550 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم تولۇقلىمىسى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى: «ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى زىيان تارتسا بولمايدۇ، پۇل تاپسا ئاندىن ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى بولىدۇ».

«خۇبېي، خۇنەندە شالدىن ھوسۇل ئېلىنسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاشلىقى يېتەرلىك بولىدۇ.» 800 چاقىرىملىق دۇڭتىڭخۇ كۆلى ھەيۋەتلىك بولۇپ، شياڭجياڭ دەرياسى، زىجياڭ دەرياسى، يەنجياڭ دەرياسى، لىشۇي دەرياسى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ ئېقىپ، خۇنەن تۇپرىقىدىكى مۇنبەت ئاشلىق ئامبىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ كەلگەن.

«مەن ھەمىشە جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك، شۇنداقلا ئىچىگە ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ ئاشلىقى قاچىلىنىشى كېرەك، دەپ كەلدىم. بىز 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆزىمىزگە تايانمىساق بولمايدۇ. ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغان بولسىمۇ، بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.» باش شۇجىنىڭ سۆزى كەنت ئاھالىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ يېزا - كەنتلىرىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىغا داۋاملىق ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، بۇ جەھەتتىكى سىياسەتلەرنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق تېرىغانلارنىمۇ بېيىتىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۈردە تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ».

ئاشلىقنىڭ بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا تۇتاشسا، يەنە بىر ئۇچى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تۇتىشىدۇ.

خۇنەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتە مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا زىممىسىگە ئالغان − پۈتۈن مەملىكەت تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %2.8ىنى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ %4.4ىنى ئىگىلەيدىغان ئاشلىقنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، شال كۆلىمى ۋە ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن چىقىش قىلىپ ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچراش، ئىسراپ بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن يېزىدا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەندە، بۇغداي باغلاملىرىنى كۆتۈرگەندە مۈرىدىن مۈرىگە يۆتكىمەيتتۇق، بولمىسا سىلكىنىپ كەتسىلا، بۇغدايلار چېچىلىپ ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. ھازىر ماشىنىدا يىغىۋېلىش جەريانىدا ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئاز ئەمەس، ماشىنىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، يىرىك مەشغۇلات قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك».

ئۇ خۇنەننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق ۋە تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش» ۋە ئاساسىي ئېتىزلارنى «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خۇنەندىن پۈتكۈل ئوتتۇرا قىسىم رايونلارغا نەزەر سالساق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ بەشى مۇشۇ جايدا. 2023 - يىلى، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ %29.2ىنى ئىگىلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەر قېتىم جەزمەن ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدا توختالدى.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كېلىشىۋالغاندەكلا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بويىچە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش - قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش

مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ئويلاندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

قانداق قىلغاندا مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە تەكشۈرۈشتە بولدى، ھەربىر جايغا بارغاندا، بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باھار يامغۇرى سىمىلداپ يېغىۋاتاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن 1 - سىفەن شۆيۈەنى (چېڭنەن شۇيۈەن مەكتەپ رايونى)گە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

1 - سىفەن شۆيۈەننىڭ ئاساسى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان چېڭنەن شۇيۈەن بولۇپ، مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان، تېخىمۇ مۇھىمى يېقىنقى زاماندىن بۇيان بىر تۈركۈم پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى يېتىشتۈرگەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان.

مەكتەپ چوڭ زالىغا كىرگەندە، ئىككى تەرەپتىكى تامغا يېزىلغان مەكتەپ ئىستىلى، مەكتەپ تەلىمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدەملىرىنى توختىتىپ زەن قويۇپ كۆردى.

«خەلقنىڭ ئۇستازى بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەلقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش كېرەك» دېگەن مەكتەپ تەلىمىنى 1 - سىفەن شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىسى ماۋ زېدۇڭ يېزىپ بەرگەن؛ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالماسلىق» دېگەن مەكتەپ ئىستىلىنى 1 - سىفەن شۆيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۈ تېلى يېزىپ بەرگەن. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سالاپىتى ھەر بىر سۆز - ئىبارىگە سىڭگەن بولۇپ، باش شۇجىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

خۇنەن تۇپرىقى قىزىل مۇنبەت تۇپراق، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇ جايدىن تارىخ سەھنىسىگە ئاتلىنىپ، يۇلتۇزلاردەك چاقناپ، كۆزنى قاماشتۇردى.

قەھرىمانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىشى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش نەزەر دائىرىسىنى مەنبە قىلغان.

مەكتەپ كۆرگەزمە زالىغا 100 يىل ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى، خالىسانە ئەمگەك، دالا مانېۋىرى، جەمئىيەت ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارغا قاتناشقاندىكى كونا سۈرەتلىرى قويۇلغان بولۇپ 1 - سىفەن شۆيۈەننىڭ «ئۈچ تەربىيەلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» «جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە تەڭ يېتىلدۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مائارىپىمىزمۇ بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى، پەقەت بىلىم ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك».

ئايرىلىدىغان چاغدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار چۆرىدىشىپ كېلىپ، باش شۇجىدىن ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەھۋال سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز نامرات، ئاجىز يىللاردا، ئەينى چاغدىكى بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەر جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك، دەپ قارىغان».

ياخشى مەكتەپنىڭ بەلگىسى نېمە؟ قانداق قىلغاندا مەكتەپنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاساسىي مەقسىتى − ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاشقا يېتەكلەش. ھازىر، دۇنيا يەنە 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى ياش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت. بۇ مەزگىلدە، بىزنىڭ ئورتاق ھالدا مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۈركۈملەپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تېخىمۇ زور مەسئۇلىيىتىمىز بار».

ئالقىش سادالىرى مەكتەپ ھويلىسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى، ياش چېھىرلەردە ئىشەنچكە تولغان تەبەسسۇم پارلىدى.

ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولۇپ، 700دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ بار، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشتە، ھەم مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى.» يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ پەن - مائارىپ بايلىقى توپلىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

1 - سىفەن شۆيۈەندىن ئايرىلىپ، باش شۇجى باسف شەنشەن باتارېيە ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. بۇ ئاساسلىقى لىتىي ئىئونلۇق باتارېيەنىڭ مۇسبەت قۇتۇپ ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگو - گېرمانىيە شېرىكچىلىكىدىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى توكلۇق ئاپتوموبىل، يان تېلېفون قاتارلىق كۆپ ساھەدە ئىشلىتىلىدۇ.

كارخانىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئىشخانىسى، باتارېيە تېخنىكىسى مەركىزىگە كىرىپ، باش شۇجى كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كارخانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىشى، يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ ئاچقۇچى، پۇقراۋى كارخانىلار، شېرىك كارخانىلار بۇ جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ».

شىركەتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ گېرمانىيە تەرەپ مەسئۇلى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانا تىجارىتىدە يەنە قانداق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بارلىقىنى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى.

بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ناھايىتى زور قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ جايدا پۇرسەت ناھايىتى كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، جۇڭگو كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە خۇنەندە ياسالغان باتارېيە ماتېرىياللىرىنى پۈتۈن يەرشارىغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

«جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. ھازىر، بىز يۇقىرى پەن - تېخنىكا ساھەسىنى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلدۇق. بىز ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايمىز. سىلەرنىڭ بۇ جايدىكى ئىستىقبالىڭلارنىڭ چوقۇم ئىنتايىن ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!» دېدى باش شۇجى.

ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتكە كۈچىگەندىلا، ئاندىن ئۆز رولى ۋە ئورنىنى ئېنىق تونۇپ، خاسلىقى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ.

ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ياسىمىچىلىق تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ بازىسى، بۇ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك يادرولۇق ئەمەلىي كۈچ.

باش شۇجى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلار مەۋقەنى ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسقا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

باش شۇجى ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تۈزىتىپ، ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇھىم ئامىلىنىڭ رايون ھالقىپ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىش كېرەك.

سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان بىر مۇھىم كەمتۈكلۈك.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادىتىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش

چاڭدېخې كوچىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، 1943 - يىلىدىكى چاڭدې ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ئارقىلىق، بۇ كوچا تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، شەھەر مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭشادىن چاڭدېغا كېلىپ، ئالدى بىلەن چاڭدېخې كوچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.

باھار يامغۇرىدىن كېيىن، قۇياش ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق نۇر چاچتى. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە دۇكانلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، يەرلىك خاس مەھسۇلاتلار، ئۇششاق يېمەك - ئىچمەكلەر، خاس ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، بۇ جاي قەدىمىي ۋە كۆركەم تۈسكە تولغان ھەم قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

گىرانت تاش ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ، باش شۇجى پىيادە مېڭىپ دەريا بويىدىكى كوچىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، دۇكانلارغا كىردى، ماللارنىڭ باھاسىنى سورىدى، پاراڭلاشتى، يەنە دۇكاندارلار، ساياھەتچىلەر، شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

كوچا بويىدا، بىر يىگىت لېيچا چېيى تەييارلاۋاتاتتى. ئۇ بىر ساپال قاچىدا تاغ قارىمۇچى كالتىكى بىلەن، گۈرۈچ، زەنجىۋىل، چاي قاتارلىق يېمەكلىك خۇرۇجلىرىنى سوقۇپ ئارىلاشتۇردى ۋە ئۇنى قاينىتىپ شۇ جايدىكىلەرنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشىدىكى زۆرۈر ئىچىملىككە ئايلاندۇردى. باش شۇجى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ لېيچا چېيى تەييارلاش جەريانىنى كۆردى.

يىگىت باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: جاھاندىكى لېيچا چېيىنىڭ مەنبەسى بىر، مەيلى نەدىلا بولسۇن، ھەممىسىگە جۇڭگولۇقلارنىڭ مېھمان كۈتۈش قائىدىسى سىڭگەن.

«بۇمۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك» دېدى باش شۇجى.

يۈەنياڭ زوۋما بىناسىدا چاڭدېنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنغان.

شۇ جاينىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئەت كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: رەڭگارەڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەر چاقناپ تۇرغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. چاڭدې مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان جاي، بۇ جايدىكى سىشيەن، گاۋچياڭ، خاۋزى قاتارلىقلارغا مۇۋاپىق ۋاسىتە ئارقىلىق ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىساد بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى گۈللەندۈرىدۇ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇ، خۇنەننىڭ تەرەققىياتى ھەتتا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.

«ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيەت، قويۇق ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، جانلىق زامانىۋى مەدەنىيەت خۇنەننىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مول بايلىق ۋە چوڭقۇر ئاساس.» باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، خۇنەن مەدەنىيىتى يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشى كېرەك.

چاڭدې دەريا سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، دەرياغا يېقىن بولغاچقا گۈللەنگەن. يۈەنجياڭ دەرياسى ۋە لىشۇي دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريانىڭ سۈيى بۇ جايدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بىپايان دۇڭتىڭخۇ كۆلىگە قۇيۇلىدۇ.

مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، سۇلار سۈپسۈزۈك، قىرغاقلار ياپيېشىل ئىدى. چاڭدېخې كوچىسىدا، باش شۇجى چۇەنزىخې دەرياسى بويىغا كېلىپ، بۇ جاينىڭ سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭدې دەريا - كۆللەرنى تۇتاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەشنى يولغا قويۇپ، يۈەنجياڭ دەرياسى ۋە لىشۇي دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى دەريانىڭ غول ئېقىنىنىڭ كەسمە يۈزىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۇدا تۆت يىلⅡ تۈر ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىنى ساقلاپ كەلدى، دەريا - كۆل بويىدىكى ساھىل سۇ مەنزىرىسى بەلبېغى شەھەر ئاھالىسى، ئامما ئارام ئالىدىغان، چېنىقىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى. غەربىي دۇڭتىڭخۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، يوقاپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولغان چاڭجياڭ دېلفىنى، جۇڭخۇا ئوسېتر بېلىقى، قارا لەيلەك قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن 1 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان جان - جانىۋارلار يەنە قايتىپ كېلىپ، سەيلە - ساياھەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، كۆل رايونى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى.

«يۈەنجياڭ دەرياسى بويىدا كىرىش ئوتى بار، لىشۇي دەرياسى بويىدا كەترەن گۈلى بار» «خۇش پۇراق ئوت - چۆپلەر چىرايلىق، كۆركەم بولۇپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى»، ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت، گۈزەل ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت بىر جاينىڭ ئەڭ ياخشى نام كارتىسى.

تەبىئەت، ئادىمىيەت، تاغ - دەريالار، گۈزەل مەنزىرىلىك جايلارنىڭ ھەممىسى بىباھا گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خۇنەن تۇپرىقىنىڭ يېشىل تېغى، سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنى، پاكىز تۇپرىقىنى ياخشى قوغداپ، تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەلپكارلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايوننى تېز گۈللەندۈرۈش» ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىنلار ۋە پوياڭخۇ كۆلى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى قاتارلىق مۇھىم كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سىستېمىسىنى تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ماس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۇرغۇتۇش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

«شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا بىر قاتار قاتتىق ئۆلچەم، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، مەركەز قاتلىمىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇشىغىچە؛ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش يىلى»نى بېكىتىشتىن، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا دائىر تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىدا، بىر قاتار تەدبىرلەر ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئاچقۇچلۇق يىلدا، قانداق قىلغاندا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يەڭگىل جابدۇنۇپ يولغا چىقىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك»؛ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك»...

باش شۇجى بۇ قېتىم خۇنەنگە قىلغان سەپىرىدە يەنە يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈردى.

گاڭجۇڭپىڭ كەنتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ھويلىسىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۇەن دېشى باش شۇجىغا بىۋاسىتە ھېس قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 38 ۋىۋىسكا بار ئىدى، ھازىر پەقەت 12سىلا قالدى».

باش شۇجى بۇرۇلۇپ قاراپ، گاڭجۇڭپىڭ كەنتى ياچېيكا كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئىشلىرى نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت تۆت ۋىۋىسكىنى كۆردى، ئۇلار ئېنىق، يىغىنچاق ئىدى.

ۋىۋىسكىنىڭ ئازىيىشى بىلەن، ئاساسىي قاتلام ئۈستىگە ئالىدىغان ئىشلار ئازايدى.

دۇەن دېشى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنت چىقىرىپ بېرىدىغان ئىسپات ئازايدى، ئەسلىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 نەچچە تۈرلۈك ئىسپات چىقىرىلاتتى، بۇلار ئۆلۈم ئىسپاتى، تۇغۇلۇش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، ھازىر كۆپ ساندىكىلىرى ئىشلىتىلمەيدىغان بولدى، فۇنكسىيەلىك تارماقلار بېجىرىشكە تاپشۇرىدىغان ئىشلارمۇ ئازايدى. كەنت كادىرلىرىنىڭ يان تېلېفونىدىكى ۋىيشىن خىزمەت توپىمۇ ئەڭ كۆپ بولغان چاغدىكى 30 نەچچىدىن ھازىرقى تۆتكە ئازايدى. كۆپچىلىكنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچى بار بولدى.

باش شۇجى بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئۇزاققىچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.

خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك ئىستىلى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. «ھەرقانداق خىزمەتنى تۇتۇشتا، ئاممىغا ھەرقانداق ئىشنى بېجىرىپ بېرىشتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش كېرەك».

تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پەيت.

يېڭى دەۋردىكى باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، خۇنەن تۇپرىقى باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭماقتا، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)