مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ يېڭى سەھىپە پۈتىمىز

日期:2024年03月22日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى پىلانلاپ، يېڭى مۇساپىدە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتىمىز.

قەد كۆتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىمىز

ئوتتۇرا قىسىم رايونلار دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال بازىسى، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، شۇنداقلا يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلار قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ، بىزنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» جياڭشى ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيۇ چىمىن مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بەش يىلدا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ GDPسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 ئەتراپىدا ئاشتى، ئومۇمىي مىقدارى 3 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاندى. كېيىنكى قەدەمدە بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا باتۇرلۇق بىلەن داۋاملىق ئالدىدا ماڭىمىز».

ئەنخۇي خېفېيغا جايلاشقان كېدا گودۇن كىۋانت تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىدە، پەن تەتقىقات خادىملىرى مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تۈر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. «باش شۇجى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ <يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى> دېدى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق. بۇ بىرقانچە يىلدا يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى تېز توپلاندى، كارخانىمىز كۆپ تۈرلۈك كىۋانت خەۋەرلىشىش خەلقئارا ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىشقا باشلامچى بولدى ۋە قاتناشتى.» شىركەتنىڭ باش لىدىرى يىڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، بىز كېيىنكى قەدەمدە ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز».

ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىنىڭ بەشى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى. بەش يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئاشلىق تېرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرىنىڭ شيېجياپۇ بازىرى گاڭجۇڭپىڭ كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى دەي خۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىز 480 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلدۇق، ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 2200 جىڭدىن ئاشتى. مەن يېڭى تېخنىكىلارنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، <باشقۇرۇش> دەستۇرۇمنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىقنى كۆپ تېرىپ، ئاشلىقنى ياخشى تېرىپ، جۇڭگونىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇشقا كۈچ چىقىرىمەن».

نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇەنزىخې دەرياسى بويىدىكى چاڭدېخې كوچىسى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. باش شۇجى تىلغا ئالغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە قارىتا، سودىگەر جۇڭ يۈەن ناھايىتى كۈچلۈك ئورتاق تۇيغۇغا ئىگە: تۈزەش ئارقىلىق «چۇەنزىخې دەرياسىنىڭ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، <سېسىق سۇ ئازگىلى>دىن <مەنزىرە بەلبېغى>غا ئايلاندى، كېلىپ داكا قىلىدىغان، بازار ئايلىنىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، چايخانىمىزنىڭ سودىسىمۇ جانلاندى، بۇلتۇر تىجارەت كىرىمىمىز 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» جۇڭ يۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى، مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىدىغان، ئېكولوگىيە ئاساسىي رېڭىنى روشەنلەشتۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئىستېمالنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىنى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بۇ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

«ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ − يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش.» ئەنخۇي ئۆلكىسى تۇڭلىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كۇڭ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: تۇڭلىڭ ئۆزىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن مىس كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ باتارېيە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زەنجىرلەرنى مۇجەسسەملەپ توپقا ئايلاندۇرۇپ، توپلاشتۇرۇپ كۆلەم ھاسىل قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.

خۇبېي ۋۇخەن دۇڭخۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇ خەيياڭ 1 ـ ۋاقىتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشنى تېزلىتىشىگە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە يەرلىكنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى يادرولۇق يۈكلىمە رايونى، دۇنيا دەرىجىلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جاي، ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى كۈچلۈك موتور قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ۋۇخەن يېڭى شەھىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىنى يەنىمۇ ئاچىمىز».

يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر توپلىنىپ «كۈچ» ھاسىل قىلدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرمۇ «دەرىجە» ئاتلىشى كېرەك. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، مەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مىقدارنى كېڭەيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ۋە قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.» سەنشى خۇاياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۇڭگې مۇنداق دېدى: كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، كۆمۈرنى تولۇق يۇيۇشتىن ئىبارەت سۈپەتنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى پىلانىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، كۆمۈردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر كەسپىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشكە، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا، يېشىللىشىشقا قاراپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىمىز.

رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ رايون ئورنى، قاتناش ئەۋزەللىكى، تىرىليون دەرىجىلىك بازار كۆلىمى، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات بايلىقى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

خېنەن ئۆلكىلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جېڭ خۇاچىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان <يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بەرپا قىلىش> تەلىپى بويىچە، بۇ يىل خېنەن ئۆلكىسى دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ئالاقە تورى يادرولۇق تۈگۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى توپلانما ئۆزگىرىشچان پۈتۈن يەرشارىۋى باش ئىشتاب بازىسى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قاتارلىق يېتەكلەش خاراكتېرلىك تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشتىكى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى بەرپا قىلىپ، 150 ئەتراپىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت ياكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېخ قۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئېكولوگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادتا كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك ۋە تۈرتكە بولىدۇ».

جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

يېڭى مۇساپىگە يېڭى ئۈمىد مۇجەسسەملەندى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا چاقىرماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باشقا مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش ۋە تىرەك بولۇش كېرەك.

ۋۇخەن داشۆ جۇڭگو ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەرەققىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇڭ مىن مۇنداق قارىدى: باش شۇجى «ماسلىشىش» «ھەمتۈرتكە بولۇش»نى قايتا ـ قايتا تەكىتلىدى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالىدۇ. «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى پۈتۈن دۆلەت تېررىتورىيەسىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تىرەك بولۇش جەريانىغا قويۇپ ئورۇن بەلگىلەش، تەپەككۇر قىلىش كېرەك. ھەم بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق باشقا رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىگە ئۇدۇللىشىش ۋە يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، ھەم رايون ئىچكى قىسىم ھەمكارلىقى، ئومۇمىي جەھەتتىكى ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، مەسىلەن، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ چوڭ يول ئەندىزىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلار. شەرقتىن كەلگەننى غەربكە يەتكۈزىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى <ھەممە ئىش سىلىق يۈرۈشىدىغان> تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دېدى سۇڭ مىن.

باھاردىكى جياڭشى نەنچاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدا، تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتى نۆۋەتچى پويىزلىرى گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق ماللارنى لىق قاچىلاپ، ۋىيېتنام، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

«نۆۋەتتە نەنچاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدا 11 خەلقئارا بىۋاسىتە بارىدىغان نۆۋەتچى پويىز ۋە 12 تۆمۈريول ـ دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت تاشقى سودا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، 30دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى.» نەنچاڭ شەھىرى شياڭتاڭ ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋەن ياۋخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، بىز بۇ تەلەپ بويىچە، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش خەرىتىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە پورتى، ياۋۋەن پىرىستانى قاتارلىق نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى بىرلىكتە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، «تۆمۈريول، تاشيول، سۇ يولى، ئاۋىياتسىيە يولى»دىن ئىبارەت كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقلارنىڭ دۇنيا چوڭ سەھنىسى، خەلقئارا چوڭ بازارغا ئۈزلۈكسىز يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تايانچلىق رول ئوينايدۇ. سەنشى ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دېڭ ۋېييۈەن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەنشىنىڭ ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، كۆمۈر قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيە بايلىقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، كۈرەش قىلىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.» دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايونلار ماس تەرەققىياتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لى پىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە مەركەز رايونلار ماس تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ـ مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)