شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، پۇتىننىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2024年03月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇتىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە خەلقى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خىرىسلارنى يېڭىپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز رۇسىيە خەلقىنىڭ سىزنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە رۇسىيە چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.