«ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش كېرەك»

日期:2024年03月09日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت ـ بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغانلىقى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي

3 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىنىڭ جۈيىڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئىللىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت ـ بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى سەمىمىي يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

مۇھىت ـ بايلىق ساھەسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان يېڭى ساھە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ كەسپىي زاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق.

بۇ ساھەدىن كەلگەن ئەزا خۇاڭ ميەنسۇڭ باش شۇجىغا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى تۈزەش بىلەن شۇغۇللانغاندىكى نەتىجە ۋە تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پات ـ پات بېشىنى لىڭشىتىپ مۇئەييەنلەشتۈردى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىتنى قوغداشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىيات، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى».

باش شۇجى كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دائىم قۇم ـ بوران چىقاتتى. ئەتىيازدا ماسكا تاقىۋالساق، ئېلىۋەتكەندە بىر قات چاڭ ـ توزان بوپ كېتەتتى. بىر كۈن سىرتقا چىقىپ كەتسەك، ئۆي ئىچى، يەرلەر بىر قەۋەت توپا ـ چاڭ بولۇپ كېتەتتى. ئۇ چاغلاردا PM2.5 ئەمەس، PM250 ئىدى!»

نەق مەيداندىكىلەر چۈشىنىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

«ئېسىمدە قېلىشىچە، بېيجىڭدا APEC يىغىنى ئېچىلغان ئاشۇ بىرنەچچە كۈندە ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولدى، شۇ چاغدا بەزىلەر بۇ <APEC كۆك ئاسمىنى> ئۇزاق داۋاملىشامدۇ؟ دەپ سوراشتى، مەن ئۇلارغا، بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مەزگىللىك كۆك ئاسمان ئەمەس، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈلۈك كۆك ئاسمان بولۇپ قالىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم».

تارىختىن رېئاللىققىچە سۆزلىدى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۈنۈمىدىن مۇھىتنى تۈزەش مېتودولوگىيەسىگىچە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش كېرەك. تەنقىد قىلىش، قول شىلتىپ كەلسە ـ كەلمەس ئەيىبلەش بىلەن بولۇپ كەتمەي، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، قانچىلىكىنى ھەل قىلغىلى بولسا، شۇنچىلىكىنى ھەل قىلىش كېرەك».

گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى «تۇمان ـ تۈتەك»، «قارا، سېسىق» قاتارلىق سەزگۈ ئەزالار ھېس قىلالايدىغان كۆرسەتكۈچلەرنى تۈزەشتىن ئۇزاق مەزگىللىك، يوشۇرۇن خاراكتېرلىك خەۋپى بار يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش باسقۇچىغا قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.

ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ئەزا خۇ سۇڭچىن باش شۇجىغا يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى دوكلات قىلدى.

«يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەش دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىزگىنلەش ئېڭى بولۇشى، بۇ جەھەتتە ئارقىدا قالماسلىقىمىز كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ.

«يېڭى مەسىلە كۆرۈلسە، ئالدىدىكى كونا مەسىلىلەرنى تېخى بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىدۇق، دەپ ئارام ئالساق بولمايدۇ، ماس قەدەمدە تەڭ تۇتۇش كېرەك. يىراقنى كۆرەلمىگەن ئادەم غەم ـ ئەندىشىگە يېقىن بولىدۇ، مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، يەنە داۋاملىق چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ».

باش شۇجى مەخسۇس تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات تەپەككۇرى، تېخنىكا كۈچى، تىپ ئۆزگەرتىش شەكلى، بازار ۋاسىتىسى» ئارقىلىق، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

2013 ـ يىلى، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا بارغان»دا، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقانىدى. 11 يىلدىن كېيىن، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى.

«ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىمەن» دېدى باش شۇجى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن.

پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىن كەلگەن جۇڭگۇەنسۈن تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئەزا ۋۇ جيەنپىڭ جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى ۋە يول ئاچقۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز جەزمەن كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى يادرولۇق تېخنىكىسىنى ئۆز ئالدىمىزغا تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

ئەزا ۋۇ جيەنپىڭنىڭ قارىشىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن جەزمەن ئۆتۈش كېرەك».

باش شۇجى ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىمىگەندە، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، قۇملۇقتىكى قەلئەگە ئايلىنىپ قالىدۇ، كىچىككىنە بوران ـ چاپقۇنغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يولى ھەرگىزمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ.

دۆلەت نانومېتىر ئىلىم ـ پەن مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئەزا جاۋ يۈلياڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى بىر ـ بىرىگە قارىشىپ تۇرسىمۇ ئۇچرىشىشىنىڭ تەس بولۇشى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بوغۇق نۇقتا، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش تەكلىپى بېرىمەن.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تېز تۈرتكە بولۇش، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن تونۇشنى شەكىللەندۈردى ھەم پائال ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ بىردەملىك ئىش ئەمەس.» باش شۇجى جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىش <ئىككى ئىش> ئىدى، ھازىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ كارخانىلار ئۆزى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئارقىلىق نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلار ئورتاق گەۋدە شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، بۇنداق يۈزلىنىش ۋە يۆنىلىش توغرا، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك».

باش شۇجى شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قاراش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك».

2023 ـ يىلى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل.

ئۆتكەن بىر يىلدىكى نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەجرى ۋە ئەقىل ـ پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

2024 ـ يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى.

كەلگۈسى بىر يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر سېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ بولدى، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ـ گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىن مەيدانىدا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)