ئىككى يىغىندىن كۆرۈنۈش | خەلق ئارىسىدىن كېلىش

日期:2024年03月08日
来源:天山网
【字体:

يەنە بىر باھار

سىلەر قىزغىن سۆيۈش ۋە ساداقەتمەن بولۇشنى قەلبىڭلارغا مەھكەم پۈكۈپ

يۇلتۇزكەبى چاقناپ

خەلق سارىيىغا كىرىپ كەلدىڭلار

سىلەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى

بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى...

مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەنسىلەر

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ھەقىقىي نامايان قىلدىڭلار

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن

سىلەر قانۇن بويىچە دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قاتناشتىڭلار

ھەرقايسى يىغىن مەيدانىدا ئالدىراش يۈرگەن سىلەرنىڭ

سۆزلىرىڭلار جاراڭلىق

نەزەرىڭلار قەتئىي ۋە چوڭقۇر

3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى»مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتى.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى» مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خې يۈلىڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىپ

خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ

دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ ئارقىسىدا

نۇرغۇنلىغان كېچە-كۈندۈز ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار بار

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە:ۋەكىللەر يىغىندا ئەستايىدىلئاڭلىماقتا.

خەلق ئارىسىدىن كەلگەن خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان

سىلەر بۇرچىڭلارنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىڭلارنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر بىلىسىلەر

خەلق ئارىسىدىن كەلگەنلىكىڭلارنى

خەلق ئارىسىغا بارىدىغانلىقىڭلارنى ھەر ۋاقىت ئۇنۇتمىدىڭلار

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خاڭ كەن(ئوڭدىن 2-كىشى) يۈنگاڭ تاش ئۆڭكۈرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە زىيارەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىمەكتە.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان «ۋەكىللەر يولى» مەركەزلىك زىيارەت پائالىيىتىدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىۋەكىلى خاڭ كەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

2-ئاينىڭ 20-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لى(سولدىن 1-كىشى) گۇيجوۋ ئۆلكىسى شىڭيى شەھىرى فېڭلىن بۇيىمەنزىرە رايونىدىكى دۇكاندا خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

3-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى لى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى گۇيجوۋ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشماقتا.

2-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ يۇڭچېڭ(ئوڭدىن 1-كىشى) فۇجوۋ شەھىرىخەيشيا ئەمالار ئۇۋۇلاش يېتەكچىلىك مەركىزىدە ئەما دوستلارغا ئەمالار ئۇۋۇلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆگەتمەكتە.

3-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ يۇڭچېڭ بارمىقى بىلەن ئەمالار يېزىقىدىكى يىغىن ھۆججىتىنى ئوقۇماقتا.

باھاردا يولغا چىقىپ

ئەستايىدىللىق بىلەن

خەلقنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇردۇڭلار

خەلق سارىيىدا

سىلەرنىڭ قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشۇڭلارغا تىلەكداشمىز

تىيانشان تورى خەۋىرى