شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2024年03月07日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، بىز جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، پىلانسىز ئىش كۆرۈشنىڭ، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بىر خىللا ئەندىزىگە ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى، پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، يېشىللىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى قىزغىن، كەيپىيات جانلىق بولدى. سۈي تيېجۈن، گاۋ جىفەن، سۇڭ يەن، ۋۇ خۇيفاڭ، ۋۇ شىنمىڭ، سۈن جىڭنەن قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو يۇرۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ئورتاق بېيىيدىغان بەختلىك كەنت قۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ سۆز قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جياڭسۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭسۇنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جياڭسۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ياخشى شارائىت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، جياڭسۇنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك» تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى، مائارىپ تۈزۈلمىسى، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بۇغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز بىر قاتار رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار، زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم تىرەكلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. جياڭسۇ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، باشقا رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمتۈرۈتكە بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىنىڭ رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئالدى بىلەن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى قاتناشتى.

مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى قاتارلىقلار قاتناشتى.