«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» (فىرانسۇزچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى)نى يەرشارى بويىچە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارچياۋ بېنشياۋ، جاڭ بەيخۇي، سۈن شىنجىڭ) «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» (فىرانسۇزچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى)نى يەرشارى بويىچە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ۋە «يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشتىكى جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى» ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى چېن دۇڭ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ياۋروپا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ژان كىرىستوف باس قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدىن كەلگەن 60 نەچچە ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

چېن دۇڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق بۇ كىتابقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى مەركەزلىك كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ «ئادەمنى ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى چۈشەندۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى سىياسەت تەشەببۇسلىرى سىستېمىلىق يىغىنچاقلانغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى چۈشەنمەكچى بولغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

ژان كىرىستوف باس مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا چىگىش، مۇرەككەپ، غەربنىڭ قىممەت قارىشى بۇرۇلۇشقا دۇچ كەلمەكتە، دۇنيادا غەربنى مەركەز قىلىشنى تۈگىتىش يۈزلىنىشى كۆرۈلمەكتە، قىممەت قارىشىمۇ ياۋروپا، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر مەنبەلىك بولۇشتىن كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بايانلىرىدا دەل بۇ خىل كۆپ مەنبەلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. فىرانسىيە يىپەك يولى سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، شىنېيدېر گۇرۇھىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئېلۋى ئازۇلاي مۇنداق قارىدى: «بايانلاردىن ئۈزۈندە» ناملىق بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا خەلقنىڭ باشتىن - ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغانلىقى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

فىرانسىيە دۆلەتلىك ھۈنەر - سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى كەرىم مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشى دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، «بۇ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.» فاجۇڭ داشۆ تەييارلىق شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى جوسېف ماكۇتۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگولۇقلار «ھەرىكەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەنگە ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال بەخت - سائادەتنى ياراتتى، بۇ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىرانسىيە زاففېل ياۋروپا - ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ژان پېگۇرې مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى «كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە بىر خىللا ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى مەۋجۇت ئەمەس»لىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. فىرانسىيە دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى روبېل پروسپېرىنى مۇنداق بىلدۈردى: كىشىلىك ھوقۇق يولى پەقەت بىرلا ئەمەس، بۇ نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشى دەل ئۆز تارىخى ۋە پەلسەپىسىدە يىلتىز تارتقان.

«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» (فىرانسۇزچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرمىسى) مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن.