​ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تىرىشىپ ياخشى يەتكۈزۈش كېرەك

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2024 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

​ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تىرىشىپ ياخشى يەتكۈزۈش كېرەك

​سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2024 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى. يېڭى مۇساپىدە، ياش كادىرلار ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرىلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى تىرىشىپ ياخشى يەتكۈزۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگەنگۈچىلەردىن ۋە تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولغان نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سەمىمىي سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان خالىس تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان بوشاشماي كۈرەش قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، رازىمەنلىك بىلەن ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بولۇپ، قول كۆيىدىغان مەسىلىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادچىل، ئاددىي - ساددا، كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دۇرۇس بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىزباسار يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك زور تەدبىرنى چىڭ تۇتۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش دائىملىق خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، ئەتراپلىق پىلانلىنىپ يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە، ياش كادىرلارنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك، ياش كادىرلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيدىغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ياش كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلمىي يېتەكچىسى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

سەي چى ياش كادىرلارغا مۇنداق ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى ئىگىلەشتە، ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە بايرىقىنى بايراق، پارتىيە ئىرادىسىنى ئىرادە، پارتىيە بۇرچىنى بۇرچ قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي قاراشنى كۈچەيتىپ، ساپ دىل، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش كېرەك. خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئىرادىدىن قايتماي خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش كېرەك. پائال تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پاكلىق خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئىنتىزام، قانۇن ۋە قائىدىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئاڭلىقلىقى، تولىمۇ پەخەس بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ساقلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

لى گەنجيې ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جياڭ شىنجى ۋە چېن شى قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2024 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.