شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سۇليوكنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۇليوك تاماسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ساقلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. مەن جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سۇليوك بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.