خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرايلى

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 ـ يىلى 2 ـ ئايدىن 2023 ـ يىلى 6 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم ـ لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، سىياسىي پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى كۆپ جەھەتتىن ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قارىتا بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتنى كۆرسىتىدۇ. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېر ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، قەلب ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئالتىنچى، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. يەتتىنچى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز جەزمەن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى. ئۇ، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىگە قوشۇلغان زور تۆھپە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، بىرلىك سەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى − پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم شەكلى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېڭىشىش داۋامىدا كەڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، ئىشلارغا يولۇققاندا كۆپرەك كېڭىشىش، ئىش قىلىشتا كۆپرەك كېڭىشىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي پارتىيەلەر كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىش، ھۆكۈمەت كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىش، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىش ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى كېڭىشىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈملەشكەن تۈرلۈك كېڭىشىش سۇپىلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق، تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.