شى جىنپىڭ 6 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى

日期:2024年03月02日
来源:天山网
【字体:

ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى

    [كىرىش سۆز]

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاش يېڭى يولىنى ئېچىپ بەردى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. پارتىيەمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھەم شەرەپلىك تارىخىي بۇرچ، ھەم كەسكىن رېئال سىناق بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

نەزەرىيەدە كۈچلۈك بولغاندىلا، يۆنىلىش ئېنىق، ھەممە بىر مەقسەتتە، ئىشەنچ يېتەرلىك بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيەدە يۈكسەك بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان سىياسىي ئىقتىدار، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، باشتىن ـ ئاخىر باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق گەپ سېتىشقا، قۇرۇق داۋلى سۆزلەشكە بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت − پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالنى ئاڭلىق ئىگىلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئېغىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ئىنتايىن جانلىق بولدى، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزمۇ جانلىق بولۇشى كېرەك. بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدا يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كېڭەيتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى نامايان قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان 6 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتى. پارتىيەمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھەم شەرەپلىك تارىخىي بۇرچ، ھەم كەسكىن رېئال سىناق بولۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نەزەرىيەدە كۈچلۈك بولغاندىلا، يۆنىلىش ئېنىق، ھەممە بىر مەقسەتتە، ئىشەنچ يېتەرلىك بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ماركسىزمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيەدە يۈكسەك بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان سىياسىي ئىقتىدار، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن غەيرەت ـ شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، باشتىن ـ ئاخىر باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق گەپ سېتىشقا، قۇرۇق داۋلى سۆزلەشكە بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت − پۈتۈنلەي تەتبىقلاشتا. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالنى ئاڭلىق ئىگىلەپ، ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئېغىر خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ئىنتايىن جانلىق بولدى، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزمۇ جانلىق بولۇشى كېرەك. بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدا يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كېڭەيتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى نامايان قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ھەرىكىتىدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

6 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى مەملىكەتلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈش، تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن، جەمئىي توققۇز كىتاب بولۇپ، «<ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيە» «يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش» «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كېڭەيتىش»تىن ئىبارەت تۆت پارچە نەزەرىيە دەرسلىكى ۋە «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كېڭەيتىشكە دائىر مىساللاردىن تاللانما» (ئىقتىساد سەھىپىسى، مائارىپ . پەن ـ تېخنىكا . ئىختىساسلىقلار سەھىپىسى، سىياسەت . قانۇن ئىدارە قىلىش سەھىپىسى، مەدەنىيەت . جەمئىيەت سەھىپىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى . دۆلەت خەۋپسىزلىكى سەھىپىسى)دىن ئىبارەت بەش پارچە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خەلق نەشرىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.