«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ بەش مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2024年02月25日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ موڭغۇل يېزىقى، زاڭزۇ يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، قازاق يېزىقى، چاۋشيەن يېزىقى قاتارلىق بەش مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 109 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 - يىلى 1 - ئايدىن بۇيانقى 45 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتاب 21 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى، يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر يېزىقى بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 4 - تومىنىڭ مىللەتلەر يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.