شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن جۇڭگو - كونگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年02月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كونگو(بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كونگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلارغا، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلارغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، بۇ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. مەن جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساسسۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - كونگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: كونگو بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈپ، تىنچلىق، ئادىللىق ۋە گۈللىنىشكە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كونگو - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا كەڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن كونگو - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.