تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

日期:2024年02月24日
来源:天山网
【字体:

− شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (9)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، ۋاڭ پېڭ، شۈ جۇاڭ

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مۇجەسسەملەنگەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش گېنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇلۇپ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى جۇلالانغان، ھەيۋەتلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيەت ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قۇدرەتلىك مەدەنىيەت كۈچى قوشۇشىمىز كېرەك.

قوغداش: ئەجدادلاردىن قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداش

2022 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، يىڭشۈنمېن دەرۋازىسىدىن شەھەرگە پىيادە كىرىپ، سېپىلغا چىقىپ شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە نەزەر سالدى.

«تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئەۋلادلارغا مەنسۇپ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر بايانلىرى كىشىگە ئىلھام بېغىشلىدى.

تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ھەمىشە شۇ جايلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماي، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش كېرەكلىكىنى قايتا - قايتا تاپىلىدى. بۇ، باش شۇجىنىڭ كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، چوڭقۇر مەدەنىيەت ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ مىللەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە تۇتقان ئاساسىي پوزىتسىيەسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

قەدىمىي پايتەخت بېيجىڭدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. فۇجوۋدىكى سەنفاڭ چىشياڭغا قايتا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «قەدىمىي ئىمارەت، كونا قورۇ، كونا كوچا رايونلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قەدىرلەش ھېسسىياتى، ئۇلۇغلاش ھېسسىياتى بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، تەڭداشسىز قىممەتلىك بايلىق، جەزمەن قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. 767 مىڭ ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 108 مىليون پارچە(يۈرۈش) دۆلەت ئىلكىدىكى يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭخۇا زېمىنىغا تارالدى، ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ، ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي، بەدىئىي، ئىلمىي قىممەتنى مۆلچەرلەپ بولغىلى بولمايدۇ.

بىز «تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، قەلبىمىزدىن ھۆرمەتلەپ، كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېيىنكىلەرگە مۇكەممەل تاپشۇرۇپ بېرىشىمىز كېرەك.

زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ بۇ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا چوقۇم بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان مەسىلە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «شەھەرنى ئۆزگەرتىش - ئېچىش بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ھەم تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنى يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شەھەردە ئەسلىمە قالدۇرۇلدى، كىشىلەر يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. تېخىمۇ كۆپ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەرلىرى بىر پۈتۈن قوغداش، ئومۇميۈزلۈك قوغداشقا يۈزلەندى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىدا مىكرو ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىلىپ، «كەشتىچىلىك» ماھارىتى ئىشقا سېلىندى... شەھەر ئەمەلىي گەۋدىسى ۋە يېزا تومۇرلىرىدىن يىللارنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، مەدەنىيەت يىلتىزى ساقلاپ قېلىندى.

ھەم ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

دۆلىتىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چوڭ دۆلىتى، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتتىن ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن، بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى جانلىق نامايەندىسى.

چاۋجوۋ كەشتىسى، چاۋجوۋ فارفۇر بۇيۇملىرى، چاۋجوۋ تىياتىرى، چاۋجوۋ قورۇمىلىرى... قەدىمىي شەھەر چاۋجوۋ مول غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىغا ئىگە. 2020 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا ئادەم ئاچقۇچ. نۆۋەتتە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بەش تۈركۈمدە 3068 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسىنى بېكىتتى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر 16 مىڭدىن ئارتۇق ئۆلكە دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ماھارەتكە ئىگە بولۇپ، شەھەر - يېزىلاردا زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۈنەرۋەن روھىنى چىڭ ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دەرسلىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ياشلىق كۈچى قوشۇلغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇق.

ۋارىسلىق قىلىش: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش

«چوڭ قانال دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن سۈنئىي قانال، ئىنتايىن قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى.» 2023 - يىلى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ شاۋشىڭدىكى شەرقىي جېجياڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، چوڭ قانال مەدەنىيىتىنى ياخشى قېزىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تاپىلىدى.

مەدەنىيەت تومۇرى سۇ تومۇرى بىلەن تۇتاشقان. نەچچە مىڭ يىللىق سۇ تومۇرىنىڭ ئېقىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىشى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سىجىل ئاسرىشى ۋە داۋاملىق قۇرۇشىدىن بولغان. زامانىمىزدىكى جۇڭگو تارىختىكى جۇڭگونىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەقەت تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز.

مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخىي ئەقىل - پاراسەتنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك» «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق قىممىتىنى قېزىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى يۈكلەنگەن تېخىمۇ كۆپ قىممەت بەلگىسى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا، باشتىن - ئاخىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، بىر قاتار سۈرەتلەردە، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك شەكىلدە نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

2021 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى.

گەرچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزلىمىسىمۇ، تارىخىي تۆھپىسىگە كېيىنكىلەر باھا بېرىدۇ. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئارقىلىق، كىشىلەر تارىخقا گۇۋاھ بولۇپ، تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىدۇ. پەقەت تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە نامايان قىلىش، تارقىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق قىممىتىنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگو تارىخى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش يوللىرى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن مەدەنىيلىك مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا، مىراسنىڭ ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو روھىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

مىڭ يىل جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان موگاۋ غارى مەدەنىيلىكنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەم دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي يادىكارلىقلارغا مۇجەسسەملەنگەن پەلسەپەۋى ئىدىيە، ئادىمىيەت روھى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارغا مۇجەسسەملەنگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت كەڭ قورساقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك.

ماددىنىڭ شەكلى بولىدۇ، روھ ئۆلمەيدۇ. چىغىناق - تاغاق پۈتۈكلىرىدىن «ئۈزۈلدۈرمەي» ۋارىسلىق قىلىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، دەستۇرلاردا «دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇش» ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، سىياھ رەسىملەردىن «پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلىگەندىلا، ئاندىن پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ» دېگەن قىياپەتنى كۆرگىلى بولىدۇ... تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مول مەنىۋى بايلىق مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قانچىكى ئۇنىڭدىن جەۋھەر ۋە ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى بەلگىسىنى تاۋلاپ نامايان قىلغاندا، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە شۇنچە ھۆرمەت بىلدۈرگىلى، مەدەنىيەت گېنىنى شۇنچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا، يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

«گۈللەنگەن دەۋردە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، دۆلەت گۈللەندى، جەمئىيەت تىنچ، مۇقىم بولدى، مىللەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارزۇيىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان سۆزى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.

مەدەنىيەت ئارقىلىق داۋلى يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىن بەش چوڭ دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇشقىچە، ئاندىن «جۇڭگو دۆلەت گۆھەرلىرى يىغىلىشى» «تاڭ ئوردىسىدىكى كەچلىك زىياپەت» قاتارلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگىچە... يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش جەمئىيەت كەيپىياتىنى كۈچەپ ياراتتى. تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئامما، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەر تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ قەلبتىن ئېتىراپ قىلغاندا، ئاندىن بىزنىڭ گۆھەرلىرىمىزنى تاپشۇرىدىغانغا ئادەم بار بولىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

پايدىلىنىش: ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىش

فارفۇر بۇيۇمغا تايىنىپ بارلىققا كەلگەن، فارفۇر بۇيۇمغا تايىنىپ روناق تاپقان مىڭ يىللىق فارفۇر شەھىرى جىڭدېجېن لاي بىلەن ئوتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سەنئەتنى يارىتىپ، بىر شەھەرنىڭ بىرلا خىل قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ مىڭ يىلغا تىرەك بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي جىڭدېجېن ئۆزگىچە شەكىلدە يېڭى ئوي - پىكىرنى ئۇرغۇتتى: كونا فارفۇر بۇيۇملىرى زاۋۇتى ئىجادىيەت كوچا رايونىغا ئايلاندى، مەدەنىيەت - سەنئەت يېڭى يەر بەلگىسى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن «فارفۇر سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغۇچىلار» بۇ يەرگە توپلاندى...

«ھەربىر خىل مەدەنىيلىك بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا ئېھتىياجلىق، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق» دەپ كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

بۇ بىزدىن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىنغا تارالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى بېيىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت بۇ سوغۇق ئىلىم 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش دەرسخانىسىغا كىردى.

«ئارخېئولوگىيەلىك خارابىلەر ۋە تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، جەزمەن ئۇلارنى ياخشى قوغداش، ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

جۇڭگو زېمىنىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش رولىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرىنى قېزىش، رەتلەش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلەرنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلىتىمىز مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسى ۋە تەرەققىياتى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قوشقان زور تۆھپىسىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ ئەتراپلىق نامايان قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

قىزىل رەڭ، يېشىل رەڭ، كۆك رەڭ... رەڭگارەڭ كەشتىلەر كەشتىلەندى؛ كەشتىلەش، قىستۇرۇش، چېكىش، تاللاش... كەشتىلەش ئۇسۇلىدا ھەر خىل ئۆزگىرىش بولدى. مياۋزۇ مىللىتىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھۈنىرى بولغان مياۋزۇ كەشتىچىلىكىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى.

«مياۋزۇ كەشتىچىلىكى ھەم ئەنئەنىۋى، ھەم مودا.» 2021 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق دېدى: مياۋزۇ كەشتىچىلىكىنى چوقۇم كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، بۇ، ھەم كەسىپ، ھەم مەدەنىيەت، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا مىللەت مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخىمۇ جانلىق شەكىللەر بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرمەكتە.

سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىدىكى پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى سەيلە قىلغاندا، پىڭتەن ئەلنەغمىسىنىڭ ئاۋازى يېقىملىق، نەپىس ئىدى، سۇجوۋ كەشتىسى، سۇڭ سۇلالىسى كىمخابى، يىپەك زىغزىق قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدا ئۆزگىچە ھۈنەرۋەن روھى نامايان بولۇپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش، باغ - ئورمانلىق ئۆيلەردە ئولتۇرۇش، يېقىملىق كۇنچۈ تىياتىرىنىڭ نەپىس ئاھاڭىنى ئاڭلاش، سۇجوۋنىڭ گۈزەل ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش»تىن ئىبارەت «سۇجوۋ ئۇسلۇبىدىكى تۇرمۇش»نى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدۇ.

ئۆزگىچە ھۈنەرۋەن روھىغا ئىگە ئارخېئولوگىيە ئويۇنچۇق قۇتىسى، تېتىپ بېقىشقىمۇ كۆزى قىيمايدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ماروژنىسى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى... بۈگۈنكى جۇڭگودا، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى» ئەۋج ئالدى، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شامىلى» كۈچەيدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ جۇلالاندۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇنۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تولۇپ تاشقان ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچى كۈنسېرى نامايان قىلىندى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مەنزىلىگە نەزەر سېلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سىڭدۈرۈلگەن جۇڭخۇا زېمىنىدا تۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالساقلا، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ، بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)