جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2024年02月23日
来源:天山网
【字体:

سىكاننېرلاپ «نىزام»نىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ ئاساس قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى خۇلاسىلىنىپ، كۆزىتىش خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كۈچەيتىشتە ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال ياخشى پايدىلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىشنى باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. كۆزىتىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىپ قىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان سىستېما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىك تورىنى پۇختا، زىچ توقۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.