لۇداۋ ئارىلىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش

日期:2024年02月22日
来源:天山网
【字体:

− شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ «شيامېن ئەمەلىيىتى» توغرىسىدا

شيامېن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ، ئۇلارغا ئازادە مۇھىت ھازىرلاپ بەردى.

شيامېننى ئايلانسىڭىز، ھەمىشە: يۈنداڭ كۆلىدە ئاققوتانلار پەرۋاز قىلىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن، گۇلاڭيۈ ئارىلىدا يېشىل دەرەخلەر بىلەن قىزىل كاھىشلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقىدا دېڭىز بىلەن ئاسمان ئوخشاش تۈسكە كىرگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرىسىز...

«باشنى كۆتۈرۈپ قارىسا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسماننى، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شيامېنغا مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇپ، بۇ يەردىكى ھەربىر گىياھ، ھەربىر تاشنى قەدىرلەيدۇ. ئەينى يىلى، شيامېن شەھىرىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن تارتىپ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ رەھبىرى بولغان، ئاندىن كېيىن مەركەزدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىمۇ، يولداش شى جىنپىڭ شيامېننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداش توغرىسىدا بىرقاتار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى، بۇنىڭ بىلەن مول نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم جاي ۋە ئالدىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، لۇداۋ ئارىلىدىكى ئوغۇل ـ قىزلار تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك دېڭىز ـ ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ جانلىق يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

يىراق كەلگۈسى نىشاننى چىڭ كۆزلەش:

«بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش

خەلقئارا باغچىلاشقان شەھەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەھەر، دۆلەت ئورمان شەھىرى... بۇ گۈزەل ناملارنىڭ ھەممىسى شيامېنغا تەۋە. لېكىن شيامېن ئىلگىرى بۇنچە گۈزەل ئەمەس ئىدى.

1985 ـ يىلى گوۋۇيۈەن شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ دائىرىسىنى پۈتۈن ئارالغا كېڭەيتىشنى تەستىقلىدى. شۇ يىلى يازدا، يولداش شى جىنپىڭ يىراق مۇساپىنى بېسىپ، خېبېي جېڭدىڭدىن جەنۇبتىكى شيامېنغا يۆتكىلىپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولدى.

شۇ چاغدىكى شيامېن گەرچە دېڭىز بويىدىكى شەھەر بولسىمۇ، لېكىن شەھەر قىياپىتى ناھايىتى كونا بولۇپ، بەزىلەر «شيامېن خۇددى بىر گۈزەل قىزغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇچىسىغا كونا كىيىم كىيىۋالغان» دەپ سۈپەتلەيتتى. ھالبۇكى، بۇلغىنىش ئېغىر بولغان يۈنداڭ كۆلى شيامېنلىقلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر قىيىن مەسىلە ئىدى: قانداق قىلغاندا تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟ چوقۇم مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكمۇ؟

يولداش شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئويلىنىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدى: «مەن شىمالدىن كەلدىم، شيامېندىكى ھەربىر گىياھ، ھەربىر تاشنىمۇ ناھايىتى قىممەتلىك ھېس قىلىمەن».

«ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قىسمەن بۇزۇش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپتىكى قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىشقا بولامدۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە شۇ ناھايىتى ئېنىقكى، شيامېن بۇنداق بەدەل ئارقىلىق باشقا جەھەتتىكى تەرەققىياتقا ئېرىشسە بولمايدۇ».

يۆنىلىش ئېنىق بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇھىتنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ −

«ئاي چىقىپ دولقۇن چېكىنگەندە، يۈنداڭ كۆلىدىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ چىراغلىرى چاقناپ تۇرغان مەنزىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.» يۈنداڭ كۆلى ئەسلىدە شيامېن ئارىلىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىچكى قولتۇق بېلىقچىلىق پورتى بولۇپ، «يۈنداڭ كۆلىدىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ چىراغلىرى» شيامېن تارىخىدىكى سەككىز چوڭ مەنزىرىنىڭ بىرى.

ئەمما 20 ـ ئەسىرنىڭ 70 ـ، 80 ـ يىللىرىدا دېڭىزنى قورشاپ ئېتىز بەرپا قىلىش، توسما ياساپ كۆلنى قورشاش ئارقىلىق يۈنداڭ پورتى ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتىكى يۈنداڭ كۆلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. سانائەت ۋە تۇرمۇش بۇلغىما سۈيى زور مىقداردا قويۇپ بېرىلىپ، سۇ قارىداپ، سېسىپ كەتكەچكە، ئەتراپتىكى پۇقرالار توختىماي قاقشايتتى. «يۈنداڭ كۆلىنىڭ سۈيى قاچان قارا، سېسىق بولمايدۇ؟» شۇ جايدىكى ئامما يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىشتا بۇلغىنىشنى توسۇش، لاي ـ لاتقىلارنى تازىلاش، بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇش كېرەك، بۇلارنىڭ قايسىسى قىيىن مەسىلە ئەمەس؟ شۇ چاغدا شيامېن ئەمدىلا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىر پۇڭ پۇلنى ئىككىگە بۆلۈپ خەجلىگۈدەك ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى!» 81 ياشلىق جاڭ يىخې يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىشنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يۈنداڭ كۆلىدىكى بۇلغىما سۇ تېشىپ چىقىش، بېلىق، راكلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشتىن چايكا، ئاققوتانلار توپ ـ توپ پەرۋاز قىلىش، ھاياتىي كۈچى قايتا ئۇرغۇشقىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدى.

1988 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ بىر مەيدان مەخسۇس تېمىلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىننىڭ باش تېمىسى دەل يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش بولدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، شيامېن شەھىرى يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «شەھەر باشلىقى كۆلنى ئىدارە قىلىشنى ئۆزى تۇتۇش» «شەھەر مالىيەسىدىن بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا يىلىغا 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىش»نى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم كۆلنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىجادىي ھالدا «كۆلنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، بۇلغىنىشنى توسۇپ بىر تەرەپ قىلىش، لاي ـ لاتقىلارنى تازىلاپ قىرغاق ياساش، سۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت 20 خەتلىك فاڭجېنغا يىغىنچاقلىدى.

«10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ بۇ، شۇ چاغدىكى شيامېننىڭ بىر يىللىق ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلەتتى.» جاڭ يىخې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىشتا ھەقىقىي ھەرىكەت باشلاندى!»

بۇلغىنىش توسۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، «كېسەلنىڭ يىلتىزى» يوقىتىلدى − كۆل ئەتراپىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى تاقالدى، سىرتقا كۆچۈرۈلدى، بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلدى ۋە كۆل ئەتراپىدىكى بۇلغىنىشنى توسۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلدى، بۇلغىما سۇنى تارقاقلاشتۇرۇش تۇرۇبىسى ۋە بۇلغىما سۇ پومپىسى پونكىتى ھەمدە نۇرغۇن كەلكۈن چىقىرىش ئېرىقلىرىنىڭ ئېغىزى ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق، كۆل رايونىنىڭ سۇ سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

سۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىنىپ، «تومۇر» راۋانلاشتۇرۇلدى − تېخنىك خادىملار شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «دېڭىز تاشقىنىنى باشلاپ سۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش» تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. غەربىي توسما چۈشۈرگىسى ۋە ئېقىن باشلاش توسمىسى ياساش ئارقىلىق، تەبىئىي تاشقىن پەرقىدىن پايدىلىنىپ، غەربىي دېڭىز تەۋەسىدىكى دېڭىز سۈيىنى كۆلگە باشلاپ، سۇنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

لاي ـ لاتقىلار تازىلىنىپ، قىرغاق ياسىلىپ، «جاھىل كېسەل» يىلتىزىدىن ساقايتىلدى − بۇلغىمىلار يىل بويى تىنىپ قېلىپ، لاي ـ لاتقىلار تازىلانمىغاچقا، سۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قىيىن بولغانىدى. يۈنداڭ كۆلىدىكى لاي ـ لاتقىلار كەڭ كۆلەمدە تازىلىنىشقا باشلىدى، لاي ـ لاتقىلار بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن قىرغاق ياسالدى، دۆۋىلىنىپ كۆل مەركىزىدە ئارال ھاسىل قىلىندى، بۇنىڭ بىلەن سۇ سۈپىتى ياخشىلىنىپلا قالماي، يەنە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى.

1992 ـ يىلى، يۈنداڭ كۆلى ئۆتكۈزۈلمىگىنىگە ئۇزاق بولغان ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى. «شۇ كۈنى، شيامېن شەھەر ئاھالىلىرى يۈنداڭ كۆلىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا يىغىلىپ، مۇسابىقىنى ئالقىشلاپلا قالماي، يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى» دېدى جاڭ يىخې ئەسلەپ.

30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ بېكىتكەن خىزمەت فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، بەش نۆۋەت يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 2 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سالدى.

بۈگۈنكى يۈنداڭ كۆلىنىڭ سۈيى سۈپسۈزۈك، قىرغاقلىرى ياپ ـ يېشىل، كۆلدە بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ئۇ شيامېننىڭ «شەھەر مېھمان كۈتۈش زالى» دەپ ئاتالدى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر كۆل بويىنى ئايلىنىپ، پەسىل قۇشلىرىنى كۆرۈپ، ئېكولوگىيە گۈزەللىكىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقتا.

يۈنداڭ كۆلى شيامېننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئۆزگىرىشىدە مەۋج ئۇرغان تۇنجى مەيىن دولقۇن. شۇ يىلىدىكى شۇ قېتىملىق ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدىن باشلاپ، 36 يىلدىن بۇيان، شيامېن غەربىي دېڭىز تەۋەسى، ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقى، خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسى، شىڭلىنۋەن قولتۇقى، مالۇەنۋەن قولتۇقى قاتارلىق قولتۇق رايونلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەم جيۇلۇڭجياڭ دەرياسى قاتارلىق ۋادىلارنى ماس ئىدارە قىلىشنى تەرتىپ بويىچە باشلاپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز ـ ئوكيانغىچە بولغان پۈتۈن رايون ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ساپاسى يۇقىرى، مەنزىرىسى گۈزەل زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان شەھەرنىڭ «شيامېن يۆگىمە رەسىمى»نى نامايان قىلدى.

يول ئېنىق بولدى، قوغداش داۋامىدا ئېچىلدى، ئېچىش داۋامىدا قوغدالدى −

«باش شۇجىنىڭ ئەينى يىلىدىكى تاپشۇرۇقى بويىچە، بىز تاغنى كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھازىرقى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار بار بولدى.» يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۈنيىڭ كەنتىگە ئىككى قېتىم كەلگەندىكى كۆرۈنۈش ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ كۆرۈنۈش 71 ياشلىق ياشانغان كىشى گاۋ چۈەنگونىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە ئىدى.

تۇڭئەن رايونى ليەنخۇا بازىرىنىڭ جۈنيىڭ كەنتى شيامېن شەھىرىنىڭ ئەڭ چەت غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن مىڭ مېتىرغا يېقىن ئېگىز بولۇپ، ئىلگىرى شيامېندىكى ئەڭ نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى ئىدى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدا چاي قورۇش، چايچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرى بەس ـ بەستە تاغقا چىقىپ دەرەخ كەسكەچكە، تاغلار تاقىرلىشىپ كەتكەنىدى.

1986 ـ يىلى، يولداش شى جىنپىڭ بۇ تاغلىق كەنتكە كېلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شۇ جايغا كۆپرەك چاي ئۆستۈرۈپ، كۆپرەك مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ، سۇ ـ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گاۋ چۈەنگو 11 يىلدىن كېيىن ئۆلكىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ چەت تاغلىق كەنتكە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «چاي، مېۋىلىك دەرەخلەرنى كۆپرەك ئۆستۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق، تاغ ئېتىكىنى ئېچىش، تاغ ئۈستىنى كۆكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«تاغ ئۈستىنى كۆكەرتىش» بولسا، كىشىلەرنىڭ قالايمىقان كېسىشىنى چەكلەش، «تاغ ئېتىكىنى ئېچىش» بولسا، شۇ جاينىڭ ئېگىز تاغ جۇغراپىيەلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل خاس ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېشىل بايلىق تەرەققىيات بايلىقىغا ئايلاندۇرۇلدى. كەنتنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتى ياخشىلاندى، ئېگىز تاغ چېيىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى، ئەمدى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىلدى، يۇلتۇزلۇق لاگېر، مەشىقلەندۈرۈش بازىسى قاتارلىقلار تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

بۈگۈنكى جۈنيىڭ كەنتىدە، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيى كەنتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، تاغدىكى چايزارلىق يېشىللىققا پۈركەندى، ساياھەتچىلەر بەس ـ بەستە كېلىپ داكا قىلىدىغان «توردا ئالقىشلانغان كەنت» بولۇپ قالدى.

شيامېندىكى يۈنداڭ كۆلىنى ئىدارە قىلىشتىن ئۆلكىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە «ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە» قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، كېيىن يەنە «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... بۇ جەرياندا، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەپەككۇرى تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ پورەكلەپ ئېچىلدى.

«بۇ يەرنىڭ تاغ ـ دەريالىرىغا، ھەربىر تال گىياھ، ھەربىر تۈپ دەرىخىگىمۇ چوڭقۇر مېھرىم بار. فۇجيەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مەن فۇجيەنگە يەنە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم. بۇ يەردە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى بەزى تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىشلىرىمنى كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا يەنىلا داۋاملىق ئويلاندىم ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇم، بەزىلىرى مەملىكەت بويىچە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى» دېدى 2021 ـ يىلى فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى پىلانلىدى −

شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ «1985 ـ يىلىدىن 2000 ـ يىلىغىچە شيامېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى رىياسەتچىلىك قىلىپ تۈزدى. بۇ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى دۆلىتىمىزدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەڭ بۇرۇن تۈزگەن 15 يىلنى ھالقىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ئىدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ شەھەرنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىيات يولى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى بۇنىڭغا سىڭگەنىدى.

40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى تۈزۈلگەن بۇ ئىستراتېگىيەدە، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېما مەخسۇس تەسىس قىلىنغان ھەم ياخشى ئېكولوگىيە شيامېننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى.

ئۇزاق كەلگۈسى ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش.

شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرمۇ ئىنتايىن ئىلغار بولغان بىرقاتار ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆلكىگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يەنىلا شيامېننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شيامېننىڭ ئارال ھالقىغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇلۇشىنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ شيامېنغا باشتىن ـ ئاخىر چوڭقۇر مۇھەببەت، زور ئۈمىد باغلاپ، بىرقاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىپ، شيامېننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شيامېننىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتنى نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەش.

36 يىلدىن بۇيان، شيامېن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك شەھەرنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئادەم بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت يولىنى تېپىپ چىقتى.

سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش:

ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش

شەھەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە، دېڭىز شەھەرنىڭ ئىچىدە.

شيامېن شەھىرى تىپىك دېڭىز قولتۇقى تىپىدىكى شەھەر، پۈتۈن شەھەرنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى 1699 كىۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى پەقەت 333 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بولۇپمۇ شيامېن ئارىلى 158 كىۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەم بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى يېرىمغا يېقىن نوپۇسنى قوينىغا ئالغان. ئۇزاقتىن بۇيان، «يەر ئاز، ئادەم كۆپ» بولۇشتىن ئىبارەت شەھەر ئەھۋالى شيامېننىڭ دېڭىز ـ ئوكيان بايلىقى ۋە مۇھىتىنىڭ زور بېسىمغا ئۇچرىشىنى، سۇ تىرانسپورتى، باقمىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلاردا ھەر خىل دېڭىزدىن پايدىلىنىش زىددىيەتلىرىنىڭ گەۋدىلىك بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

2002 ـ يىلى، شۇ چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ شيامېننىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى دېڭىز ئارىلى تىپىدىن دېڭىز قولتۇقى تىپىغا ئۆزگەرتىش پىكىر يولىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ مۇھىم يوليورۇق تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شيامېن شەھىرى 2002 ـ يىلىدىن بۇيان خەيساڭۋەن قولتۇقى (غەربىي دېڭىز تەۋەسى)، ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقى، شىڭلىنۋەن قولتۇقى، تۇڭئەنۋەن قولتۇقى، مالۇەنۋەن قولتۇقىدىن ئىبارەت بەش قولتۇق رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېچىش قۇرۇلۇشىنى ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، شيامېننى ئوراپ تۇرغان «گۈزەل كۆك قولتۇق»نى بەرپا قىلدى.

شەھەر بويىچە 258 مىڭ مو(تەخمىنەن 172 كىۋادرات كىلومېتىر) كۆلەم دېڭىز تەۋەسى باقمىچىلىقىدىن چېكىندۈرۈلۈپ، ئەنئەنىۋى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ، دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.

36 يىلدىن بۇيان، شيامېن سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل دېڭىز قولتۇقى ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى بەرپا قىلدى. پۈتۈن شەھەردىكى دېڭىز تەۋەسىنىڭ «قولتۇق ئىچىدە قولتۇق بولۇش» ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ئىچىدە قولتۇق رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىدىيەسىنى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېڭىز ـ ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە جەمئىي 105 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان دېڭىز قولتۇقى تىپىدىكى شەھەرنى قۇرۇپ چىقتى.

ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، شيامېن غەربىي دېڭىز تەۋەسىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان مالۇەنۋەن قولتۇقى ئېكولوگىيە سەنداۋ باغچىسى ۋە جەنۇبىي قىرغاق بەلباغسىمان باغچىسىدە، ئارام ئالغىلى كېلىدىغان ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دالا تامىقى يەيدۇ، بەزىلىرى لەگلەك ئۇچۇرىدۇ. بېلىقلار بەزىدە سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقىپ، قۇيرۇق پالاقچىسىنى پۇلاڭلىتىپ، كىچىك سۇ دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلىپ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلىدۇ.

مالۇەنۋەن قولتۇق رايونىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «كىچىك باغچە»لەرنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئومۇمىي يېشىللىق كۆلىمى تۆت كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مالۇەنۋەن قولتۇقىنىڭ ئايلانما قىرغاق لىنىيەسىدە «تۈمەن تۈپ فېڭخۇاڭ دەرىخى، 1000 مېتىرلىق گۈللۈك كارىدور، ھەممە تاماشا قىلىدىغان يۈز مەنزىرە، ئون چاقىرىملىق گۈللۈك يول»دىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى ھاسىل بولۇپ، ئېكولوگىيە بىلەن مەنزىرە تەڭ ھازىرلانغان شەھەر تەبىئەت سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

ئادەملەر مەنزىرە ئىچىدە تۇرغان، مەنزىرە دېڭىز ئۈستىدە ھاسىل بولغان بۇ قولتۇق رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىلگىرى «بېلىق كۆلچەكلىرى بىلەن قاپلانغان، كۆپۈكچىلەرگە لىق تولغان» جاي ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. «20 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز بوز يەرنى دېڭىزغا قايتۇرۇش، ۋادىنى ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مالۇەنۋەن قولتۇقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق.» مالۇەنۋەن قولتۇقى يېڭى شەھەر تەۋەلىك رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش قوماندانى سەي دېجىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى مالۇەنۋەن قولتۇقىدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 18 كىۋادرات مېتىر، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولۇپ، شيامېن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى «توردا ئالقىشلانغان داكا نۇقتىسى» بولۇپ قالدى.

دېڭىز سەۋەبلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، دېڭىزغا تايىنىپ گۈللىنىش، دېڭىز بىلەن بىللە روناق تېپىش. 36 يىلدىن بۇيان، شيامېن تەبىئەتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىپ، ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت ـ چۆپ ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق ساھىلى قىلىشقا ماس كەلسە قۇملۇق ساھىلى قىلىپ، سۇلۇق يەر بولۇشقا ماس كەلسە سۇلۇق يەر پېتى قويۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز ـ ئوكيانغىچە بولغان پۈتۈن رايونلۇق قوغداش ـ ئىدارە قىلىش چوڭ ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.

2023 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ مانگروۋا ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كېلىپ، مانگروۋا ئورمىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «مانگروۋا ئورمانلىقىنى قوغداشنى مەن شيامېندا خىزمەت قىلغاندا ئۆزۈم تۇتاتتىم. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن بىر نەچچە قېتىم يوليورۇق بەردىم. بۇ، دۆلەت گۆھىرى، چوقۇم ياخشى قوغداش كېرەك».

مانگروۋا ئورمىنى ئەزەلدىن «دېڭىز ئۈستى ئورمىنى» «دېڭىز ـ ئوكيان قوغدىغۇچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى ئېكولوگىيە ـ مۇلازىمەت قىممىتىگە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، شيامېن خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى شياتەنۋېي مانگروۋا باغچىسىدە سەيلە قىلسا، قاتار ـ قاتار مانگروۋا دەرەخلىرىنىڭ شاخ ـ يوپۇرماقلىرى بۈك ـ باراقسان ئۆسۈپ، خۇددى دېڭىز يۈزىگە نەقىشلەنگەن يېشىل قاشتېشىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، 85 گېكتارغا يېقىن بۇ سۈنئىي مانگروۋا ئورمىنى 20 نەچچە يىل يوقاپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دېڭىز تەۋەسىدە قايتىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.

20 نەچچە يىل ئىلگىرىكى شياتەنۋېينى ئەسلىگىنىدە، شيامېن داشۆ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيە شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ياڭ شېڭچاڭ ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا، كىشىلەر بۇ يەرگە كەلسە دېڭىز سۈيىنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن بىزار بولۇپ كېتىپ قالاتتى.» دېڭىز قارىغۇلارچە قورشىلىپ، تەرتىپسىز باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىلغاچقا، بۇ دېڭىز تەۋەسىدە سۇ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئېغىر بولۇپ، شۇ جايدىكى ئىپتىدائىي مانگروۋا ئورمىنى بىرمەھەل پۈتۈنلەي يوقالغانىدى.

2005 ـ يىلى، شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، شيامېن داشۆنىڭ مانگروۋا ئورمىنى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى شياتەنۋېيدا تەجرىبە كۆچىتى تىكىشكە باشلىدى. ئون نەچچە يىل سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاخىر بۇ يەردىكى مانگروۋا ئورمىنى قايتىدىن يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆسۈشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر تەبىئەتكە يېقىنلىشىدىغان دېڭىز ـ ئوكيان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسى بولۇپ قالدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ دېڭىز ـ ئوكيان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى پېتېر تومسون ئىلگىرى شياتەنۋېي باغچىسىغا ئىككى قېتىم زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى مانگروۋا ئورمىنىنىڭ قوغدىلىشى ۋە قايتا بىنا قىلىنىشىغا قارىتا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى ھەم ئۇنى ئۈلگىلىك تىپ قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە كۆپ قېتىم نەقىل كەلتۈردى.

«شيامېن ۋەتەنگە مەنسۇپ، مىللەتكە مەنسۇپ، بىز ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، بۇنى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.» شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ شيامېننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دېڭىز ـ ئوكياننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىسى «دېڭىزدا گەۋدىلىنىدۇ، يىلتىزى قۇرۇقلۇقتا.» 36 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ماسلىشىپ ئىدارە قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىننى تۇتاشتۇرۇپ، ئوڭ ـ سول قىرغاقنى ماسلاشتۇرۇپ، شيامېن ئېكولوگىيەسىنىڭ «گۈزەل قىياپىتى»نى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

شيامېن ئارىلىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان شياڭئەن رايونىنىڭ داجەي كەنتى ئەزەلدىن «شامىلى بېشى، سۈيى قۇيرۇقى» دەپ ئاتالغان قۇرغاق، سۇ كەمچىل رايون ئىدى. بۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرى خولۇڭگو قاتارلىق تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى.

مۇخبىرلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىكى ئاشخانىدا ئىشلەتكەن، ھاجەتخانىدا ئىشلەتكەن، يۇيۇشقا ئىشلەتكەن سۇ قاتارلىق ئەسلىدە دېڭىز قولتۇقىغا بىۋاسىتە قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما سۇنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش تازىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى قالدۇق سۇنىڭ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق كەنتنىڭ يېنىدىكى بىرنەچچە كۆلچەككە ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ يەردە كۆپ خىل سۇ ئۆسۈملۈكلىرى سۇنى سىجىل ساپلاشتۇرۇپ تۇراتتى، يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسى بۇ يەردىن سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىپ، كەنتتىكى خولۇڭگو ئېتىزىنى سۇغىرىۋاتاتتى.

«بۇلغىما سۇنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇش، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق، بىز مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلاردا ھەسسىلەپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.» داجەي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، خولۇڭگو ئۆستۈرۈش ئاھالىسى چېن خەييۈن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «سۇ سۈپىتى ياخشىلاندى، كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆلچەكتە دائىم ئۇچرايدىغان ئېتىز قۇلۇلىسى بۇ بىرنەچچە يىلدا يەنە كۆپىيىشكە باشلىدى!»

شيامېن دېڭىز ـ ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش جەريانىدا «ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش»كە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋادىنى ئىدارە قىلىش، شەھەر ۋە يېزىلاردىكى بۇلغىما سۇنى ئىدارە قىلىش، دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى تۈزەش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق مەنبەلىك بۇلغىمىلارنى قاتتىق تىزگىنلىدى ۋە ئازايتتى. شەھەرنىڭ بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ تەڭ سەۋىيەدە بولۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ يېزىلاردىكى بۇلغىما سۇنى پۈتۈن ۋادى بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، 1216 تەبىئىي كەنتتە بۇلغىما سۇنى ئىدارە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىدى...

سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەرنىڭ دېڭىز تەۋەسى مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى، ئاساسلىق ۋادىلارنىڭ دۆلەت تىزگىنلەيدىغان ۋە ئۆلكە تىزگىنلەيدىغان كەسمە يۈزى، كىچىك ۋادىلارنىڭ ئۆلكە تىزگىنلەيدىغان كەسمە يۈزى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى بىردەك %100 بولۇشنى ساقلىدى، دېڭىزغا قويۇپ بېرىش ئېغىزى سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %99.3كە يەتتى، «كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، سۈپسۈزۈك سۇ، ياپيېشىل قىرغاق، زۇمرەتتەك دېڭىز، كۈمۈش رەڭ ساھىل» شيامېننىڭ يارقىن داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى.

36 يىلدىن بۇيان، شيامېنلىقلار ئەمەلىيەت داۋامىدا شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش دېڭىز ـ ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم كۈچىنى تىكلەش ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

يولداش شى جىنپىڭ شيامېندا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، «كۆلنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»نى يۈنداڭ كۆلىنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش 20 خەتلىك فاڭجېنىنىڭ 1 ـ ماددىسى قىلىپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

شيامېن باشتىن ـ ئاخىر قانۇنچىللىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شيامېن 1994 ـ يىلى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون نىزام چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تۇنجى تۈزۈپ چىققان ئەمەلىي گەۋدە خاراكتېرلىك يەرلىك نىزام دەل «شيامېن شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، شيامېن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نىزامى» قاتارلىق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە بايلىقنى قوغداشقا ئالاقىدار 30دىن ئارتۇق نىزام ـ قائىدىنى ئېلان قىلدى. 2003 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە مەمۇرىي ئىشتاتقا ئىگە تۇنجى دېڭىز ـ ئوكيان ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

بۇلغىنىشنى پاسسىپ ئىدارە قىلىشتىن بايلىقتىن ھەقلىق پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى، تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىشقىچە، نوقۇل ھالدىكى مۇھىت قوغداشتىن ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى بازارلاشتۇرۇپ ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشقىچە، تارماقلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر بۆلەكنى باشقۇرۇشتىن «كۆپ قائىدە بىرلەشتۈرۈلگەن» كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشقىچە، شيامېننىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھات تەجرىبىلىرى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇلدى.

ئاسمان كۆپكۆك، دېڭىز بىپايان، سۇ سۈپسۈزۈك، قىرغاق ياپيېشىل بولۇپ، ئاسمانغا تاقاشقان رەت ـ رەت ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، كېچىدە ھەممە يەردە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز شامىلى، دېڭىز دولقۇنى ئىلگىرىكىدەكلا بولسىمۇ، لېكىن شيامېننىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى».

يېپيېڭى يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقىش:

يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش

«30 نەچچە يىللىق پايدىلىق ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، بۈگۈنكى شيامېن تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى ساپالىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش شەھىرىگە ئايلاندى، يېڭى ئىگىلىك، يېڭى كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، سودا بىلەن سېلىنما تەڭ ئىلگىرىلىدى، دېڭىز تىرانسپورتى، قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ھەممە جايغا تۇتاشتى. بۈگۈنكى شيامېن يەنە تولىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك باغچىلاشقان شەھەرگە ئايلاندى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتمەكتە».

2017 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيامېندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا ـ سانائەت مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن دۇنياغا «يۇقىرى ساپالىق، تولىمۇ گۈزەل» بۇ شەھەرنى تونۇشتۇردى.

باھار كەلسە شەھەردە ئېچىلار گۈللەر، كۆز يەتكۈسىز دېڭىزدا دولقۇنلار ئۈزەر.

ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقى شيامېن ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدىكى سۇلۇق يەر باغچىسى شيامېندىكى ئەڭ چوڭ سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە باغچىلىرىنىڭ بىرى. باغچىدا توپ ـ توپ قارا قۇلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ساياھەتچىلەر دائىم قۇشلار بىلەن «يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىدۇ».

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقىدا چوڭ ـ چوڭ قاقاس ساھىللار بولۇپ، بۇ يەر تۇز قۇرۇتۇش مەيدانى، باقمىچىلىق مەيدانى، ئەخلەت تۆكۈش مەيدانى ئىدى. سۈنئىي توسما ياسىلىپ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىلغاچقا، قاقاس ساھىلغا ئېغىر دەرىجىدە لاي ـ لاتقا تىنىپ كەتكەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شيامېن ئارىلىدىكى شامال ئېغىزىغا جايلاشقان بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارالغانىدى.

2005 ـ يىلى، ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقىنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئارىسىدا ئىدارە قىلىش لايىھەسىنى چۆرىدەپ ئىختىلاپ كۆرۈلدى. شيامېن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پەن شىجيەن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بەزىلەر قولتۇق رايونىنى «بىراقلا تىندۇرۇپ»، يەرلەرنى سېتىپ ئۆي ـ زېمىن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنداق بولغاندا «تېز پۇل تاپقىلى، سىياسىي نەتىجە ياراتقىلى» بولاتتى.

شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت كۆپ مەيدان مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش يىغىنى تەشكىللەپ، قايتا ـ قايتا دەلىللەپ، پايدا ـ زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئاخىرىدا ئەڭ ياخشى بايلىقنى ئاممىغا قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

ۋۇيۈەنۋەن قولتۇقىدا ئەسلىدىكى سۇ يۈزى ساقلاپ قېلىنىپلا قالماي، يەنە دېڭىز توسمىسى ئېچىلىپ، قولتۇق رايونىغا سۇ باشلىنىپ، لاي ـ لاتقىلار تازىلىنىپ سۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىندى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش يولغا قويۇلۇپ، چوڭ سۇلۇق يەردە باغچە قۇرۇلۇپ، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتىدىغان يېقىن بوشلۇق بەرپا قىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرى بىر «شەھەر يېشىل ئۆپكىسى» بىلەن تەمىنلەندى.

يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە خۇاڭ شياۋخۇڭ چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئۆيۈم سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يېنىدا، ھەر كۈنى بوش ۋاقىتلىرىمدا باغچىغا كېلىپ ئايلىنىمەن، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈم!»

پۈتۈن شيامېن شەھىرىدە ھازىر 18 مىڭ گېكتار كۆلەمدە باغچىلاشقان يېشىللىق، 60 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق كۆلەمدە ئورمان بار. 2013 ـ يىلى تۇنجى شەھەر يېشىل يولى بەرپا قىلىنغاندىن ھازىرغىچە، ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان شەھەر قۇرۇلۇش رايونىدىكى يېشىل يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.66 كىلومېتىر بولۇپ، «ھەر 300 مېتىردا يېشىللىقنى كۆرەلەيدىغان، ھەر 500 مېتىردا باغچىنى كۆرەلەيدىغان بولۇش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرۇش، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈل ئېچىلىش، دېرىزىنى ئېچىپلا يېشىللىقنى كۆرۈش، ئىشىكتىن چىقىپلا مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش» رېئاللىققا ئايلاندى.

مۇشۇنداق ياخشى ئېكولوگىيە ـ مۇھىت بەختلىك شيامېنلىقلارغا مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، شيامېنغا كەلگەن ھەربىر ساياھەتچىگىمۇ مەنسۇپ.

شيامېننىڭ خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى «دېڭىز ساھىلى رومانتىك لىنىيەسى»دە ھەمىشە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «مەن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بۇ <ئەڭ گۈزەل قولتۇقنى ئايلىنىش مۇسابىقە يولى>نى كۆرۈپ، بۇ قېتىم ئالايىتەن <داكا قىلغىلى> كەلدىم، دېڭىز بىلەن ئاسمان ئوخشاش رەڭدە بولۇپ، ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن!» شەندۇڭدىن كەلگەن مارافون يۈگۈرۈشى ھەۋەسكارى جاڭ ئەپەندى باھار بايرىمىدىن بۇرۇن مەخسۇس يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىپ شيامېننىڭ دېڭىز شامىلىنى «باغرىغا باسقىلى» كەلگەنىدى.

دەل مۇشۇ «دېڭىز ساھىلى رومانتىك لىنىيەسى» جايلاشقان قولتۇق رايونىدىمۇ ئىلگىرى لاي ـ لاتقىلار ئېغىر دەرىجىدە تىنىپ كەتكەن، ھەممە يەرنى ئەخلەتلەر قاپلىغان بولۇپ، ئىلگىرى بەزى ئامما «بۇ يەردىكى ئەخلەتلەر تاكى دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتاشقان جايغىچە سوزۇلغان» دېگەنىدى.

ئۆزگىرىشلەر ئاستا ـ ئاستا بارلىققا كەلدى. 2006 ـ يىلىدىن باشلاپ، شيامېن شەھىرى خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، دېڭىز باقمىچىلىقىدىن چېكىندۈرۈش، قاقاس ساھىلدىكى لاي ـ لاتقىلارنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بىر يۈرۈش ئۇنىۋېرسال تۈزەش بىرىكمە تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، خۇەندۇڭ دېڭىز تەۋەسىدىكى سۇنىڭ «ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى»، ئۇزۇن تۈكلۈك تاغىل راك، خۇاڭچىدياۋ بېلىقى، جۇڭخۇا ئاق دېلفىنى قاتارلىق دېڭىز ـ ئوكيان ياۋايى جانلىقلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە بايلىقى، شۇنداقلا جەمئىيەت بايلىقى، ئىقتىسادىي بايلىق».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلەپلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى چوڭقۇر بايان قىلىندى ھەم «يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى.

شيامېندا، «ئەخلەتكە تولغان دېڭىز يۈزى»دىن «دېڭىز ساھىلى رومانتىك لىنىيەسى»گىچە تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، بۇ شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىقتىسادى، يېشىل ئىقتىسادى، رەقەملىك ئىقتىسادى، دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، «مۇھىت ئارقىلىق ئېشىشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇھىتنى ياخشىلاش»تىن ئىبارەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى تېپىپ چىقىلدى.

ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، شيامېن دېڭىز قولتۇقى، دېڭىز قىرغىقى قاتارلىق بايلىقلارغا تايىنىپ، دېڭىزدا بېلىق تۇتۇش ساياھىتى، يەلكەنلىك كېمە ساياھىتى، سەيلە كېمىسى ساياھىتى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىپ، قوغداش جەريانىدا قېلىپلاشتۇرۇپ ئېچىش، تەرتىپلىك پايدىلىنىشتەك ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى.

2023 ـ يىلى، شيامېننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى كۈچلۈك ئېشىپ، كۈتۈۋالغان ئومۇمىي ساياھەتچى سانى 110 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ يىل باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شيامېننىڭ ساياھەت زاكازى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65، ئىشىك بېلىتى زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

دېڭىز تەۋەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشى زۇمرەتتەك دېڭىز، كۆپكۆك ئاسماننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە شەھەرنى تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىغا ئېرىشتۈردى.

خۇەندۇڭ رومانتىك لىنىيەسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا شيامېن ئىلىم ـ پەن شەھەرچىسىنىڭ يادرولۇق رايونى − تۇڭئەن يېڭى شەھەرچىسى ئۆسۈپ يېتىلىپ قەد كۆتۈرمەكتە.

مېيفېڭ چۇاڭگۇ، يىنچېڭ جىگۇ، خۇەندۇڭ يۈنگۇ قاتارلىق ئىلىم ـ پەن شەھەرچىسى يادرولۇق باغچە رايونلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، مېيتۇ شيۇشيۇ، مېييا بەيكې، تېڭشۈن بۇلۇتى، ۋاڭيى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ساھە باشلامچىلىرى بۇ يەرگە توپلاندى...

يىنچېڭ جىگۇ كەسىپ باغچە رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېچىلغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باغچە رايونىمىزباش ئىشتاب ئىقتىسادى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ـ لايىھەلەش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى كىرگۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، كەسىپ يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى ۋە كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش يېڭى يەر بەلگىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شيامېن شەھىرىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تېز ئېشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار دەرىجىسى سىجىل ئۆستى. 2012 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، پۈتۈن شەھەرنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.5 ئاشتى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.9 ئاشتى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 3600دىن ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %42.2كەيەتتى.

2023 ـ يىلى، شيامېننىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ ئېكسپورت مىقدارى 1.7 ھەسسە ئاشتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى %65 ئاشتى.

تولىمۇ گۈزەل ئېكولوگىيە، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۇرمۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات.

36 يىلدىن بۇيان، شيامېن باشتىن ـ ئاخىر ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال قوغداش، كېيىن ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيە تورى بەرپا قىلىش ئارقىلىق شەھەر تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئېكولوگىيە ئاساسى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىللىشىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى كۈچەيتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شيامېننىڭ ئاۋات شەھەر رايونى بىلەن تاغ، دېڭىز، كۆلنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان «بوشلۇقتىكى غايەت زور ئەجدىھا» كىشىلەرنىڭ شيامېننىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىكى يېڭى تاللىشىغا ئايلانماقتا.

ئالتە يىلدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان «تاغ ـ دېڭىز ساغلاملىق پىيادىلەر يولى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، «شەھەر گۈزەللىكى»نى «تەبىئەت گۈزەللىكى» بىلەن ئورگانىك يۇغۇردى. شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر پىيادىلەر يولىنى بويلاپ، «ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىز چوققىغا چىقىپ، كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، دېڭىز بىلەن ئاسمانغا نەزەر سېلىپ»، شيامېننىڭ ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەللىكىدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىدىغان، شەھەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بولدى.

شيامېن كۆپ مەنبەلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دېڭىز ـ ئوكيان مۇھىتى ئېكولوگىيەسىنى قوغداشتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە. 2005 ـ يىلىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شيامېن شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، شيامېن خەلقئارا دېڭىز ـ ئوكيان ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

«18 يىلدا، شيامېن خەلقئارا دېڭىز ـ ئوكيان ھەپتىلىكى دېڭىز ـ ئوكيان يىغىنى مۇنبىرى، دېڭىز ـ ئوكيان كەسپى كۆرگەزمىسى، دېڭىز ـ ئوكيان مەدەنىيىتى كۆرىكى بىر گەۋدىلەشكەن خەلقئارالىق دېڭىز ـ ئوكيان يىللىق كاتتا مەرىكىسىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى 130 نەچچە دۆلەت ۋە رايون، 50 نەچچە مۇھىم خەلقئارا تەشكىلاتنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى» دېدى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومېتىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شيامېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈي يۇڭخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شيامېننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا دائىر ھېكايىلەرنى داۋاملىق ياخشى سۆزلەپ، تىرىشىپ شيامېننى يېڭى دەۋردىكى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ كۆزنىكىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى شەھەرلەرنىڭ دېڭىز ـ ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن «شيامېن لايىھەسى»نى تەقدىم قىلىمىز.

(مۇخبىرلار چى جۇڭشى، كاڭ مياۋ، گاۋ جىڭ، ۋاڭ لىبىن، يەن جىخۇڭ، چېن خۇڭيى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)