ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ

日期:2024年02月20日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈ خەۋەر قىلىدۇ) باھار يامغۇرى يېتىپ كەلگەندە، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەگىز سۈيى مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالغان بولساقمۇ، لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنىلا ناھايىتى سوغۇق بولدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگىز سۈيى» مەۋسۇمى بۇ مەۋسۇم كۈنىدە چوقۇم يامغۇر ياغىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى يامغۇر يېغىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا، يامغۇر مىقدارىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ ھەپتە روشەن ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلمەيدىكەن، ئالدىنقى مەزگىلدە تېمپىراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن ھالەتنى ساقلاپ، كېيىنكى مەزگىلدە تەدرىجى ئۆرلەيدىكەن. شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 23 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 16 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

جۈمە كۈنى كېچىدە ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە 8 بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا ھەرقايسى رايونلاردا ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنباۋدا بەزىدە تۇمان كۆرۈلىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا رېكورتى يېڭىلانغاندىنكېيىن، شىنجاڭغا نەچچە كۈن تەسىر كۆرسەتكەن ئالاھىدە كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم ئاخىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا، 2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتنى ساقلايدىغانبولۇپ، 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئاستا-ئاستا ئۆرلەيدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ شەھەرنىڭ ئايلىنىشى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللەدىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ ھەپتە ئىچىدە شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنباۋدا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، قاتناش-تىرانسپورت، ھاۋا سۈپىتى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىى بېرىلىدۇ.

پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يەنىلا داۋاملىشىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى بىرقەدەر ئاستا بولىدىكەن. بۇ ھەپتە شىنجاڭدا ئىككى قېتىم سۇس قار ياغىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كۈندۈزدىن 21-كۈنى كۈندۈزگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

2-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىدىن 24-كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 8 بالدىن 9 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى