ئالاھىدە پىروگرامما «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (3 ـ بۆلۈم) كۆرسىتىلىدۇ

日期:2024年02月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىربەي يىڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئالاھىدە پىروگرامما «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (3 ـ بۆلۈم) 2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىدۇ.

مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، ماقالىلىرى، سۆھبەتلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن قەدىمىي كىتابلار ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر ئىجادىي ئۇسۇلدا جانلىق چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مول بىلىمى ۋە ساپاسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن ئۇلۇغ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچىنى نامايان قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان.

12 قىسىملىق پىروگراممىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر» «سۇمۇرغ 90 مىڭ گەز ئېگىزلىكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى» «مەڭگۈ قۇرۇماس بۇلاقتىن ئۈزۈلمەي سۇ ئېقىپ كېلىدۇ» «باھار كەلگەندە ھەممە گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىدۇ» «ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلاش» «قارا بۇلۇتلار تارىلىپ، تولۇن ئاي ئاسماندا جىلۋە قىلىش» «دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى» «تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسەك، بىزنى نائۈمىد قويمايدۇ» «جەڭ ئېتىغا مىنىپ مۇز دەريادىن ئۆتۈپ چۈشەش» «تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى» «قەلبتىكى سېغىنىشقا تولۇن ئاي گۇۋاھ» «بوران ـ چاپقۇن ئالدىدا تەمكىن تۇرۇش» تېما قىلىنىپ، دىققەت خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، بىرلىك سەپ، ئورتاق بېيىش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەقدىرداش بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەربىر قىسىم پىروگراممىنىڭ ھەممىسىدە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسلىي ئاۋازى ئېلىنغان قىسقا فىلىم» «مەدەنىيەت كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش» «ئىدىيەۋى نەزەرىيە يەشمىسى» «ۋەتەن زېمىنىدا يېزىلغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسلىك» «ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو ھېكايىسى» «كىلاسسىك شېئىر ـ ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش»تىن ئىبارەت ئالتە ھالقا ئارقىلىق قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈنۈشلەر يۇغۇرۇلۇپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئىلھامى ۋە سەمىمىي ھېسسىيات يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلىنىدىكەن. پىروگراممىدا ئىدىيەنى چۈشەندۈرگۈچىدىن ئونى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرگۈچىدىن تۆتى باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە نەقىل كەلتۈرگەن ئۆرنەكلەرنىڭ مەنبەسى، ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ھېكايىسىنى چۈشەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلىدىكەن.