شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ سىتۇبنىڭ فىنلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2024年02月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالېكساندىر سىتۇبقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇردى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو ـ فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ فىنلاندىيە دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.