خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2024年02月16日
来源:天山网
【字体:

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى2 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 4 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 12 ـ ئايدىن 2023 ـ يىلى 6 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگودا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېقىنقى زاماندىن كېيىن جۇڭگونىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئېچىنىشلىق ساۋاقلار چوڭقۇر خۇلاسىلىنىپ چىقىرىلغان ئاساسىي يەكۈن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى 100 نەچچە يىللىق كەسكىن ئۆزگىرىش، داۋالغۇپ تەرەققىي قىلىشنىڭ تارىخىي نەتىجىسى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغانلىقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقانلىقىدىكى مۇقەررەر تاللاش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ياخشى تۈزۈم، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ بار. بىرىنچى، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئىككىنچى، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۈچىنچى، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تۆتىنچى، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، بەشىنچى، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئالتىنچى، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسەت ـ تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىدىكى خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىشى، خەلققە مەسئۇل بولۇشى ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەمۇرىي ئورگان، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت ـ ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.