شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا باھار بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتتى

日期:2024年02月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا باھار بايرىمىلىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئەجدىھا يىلىدىكى باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، «بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈر جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتە بولۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى لىنكولن ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭ، پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە يېڭى يىللىق تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو خەلقىگە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! 100دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداش بۇ تەبرىك كارتىسىغا ئىمزا قويغانىدى.