جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

日期:2024年02月10日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ سۆز قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2024 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2024 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2024 - يىللىق باھار بايرىمىنى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان گۇيماۋ توشقان يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆپ خىل قىيىنچىلىق، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

لى چياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ھەر ساھەدىكى زاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيداندا خۇشال ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، بايراملىق بەخت تىلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى 126 تىرىليون يۈەندىن ئاشۇردۇق، ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇردۇق، پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق يەنىلا «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل». پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز شەكىللەندۈردۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدۇق. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىدۇق. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، دۆلىتىمىز تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق. بىز شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى پائال قوللاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدۇق. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى نامايان قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى جان تىكىپ قىلغان كۈرەشنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى پارلاق يول ئىكەنلىكىنى، ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەققانىي يول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز پەقەت يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ھەر خىل جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى چوقۇم يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەت قىرغىقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيمىز!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەجدىھا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توتېمى، ئۇ قۇدرەتلىك، جەسۇرانە قىياپەتكە، باتۇر، قورقماس جاسارەتكە، جاھانغا بەخت يارىتىدىغان ھېسسىياتقا، چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھەم 5000 يىلدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش مەنىۋى تومۇرىغا سىمۋول قىلىنغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى 100 مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە گۈزەل ئارزۇسى يۈكلەنگەن. جياچېن ئەجدىھا يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پىداكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.