شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئەلىيېفنىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2024年02月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىلخام ئەلىيېفقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىدە ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئورنىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ھەمكارلىشىشنى ساقلىدى. مەن جۇڭگو - ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەلىيېف بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.