شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سۇسا بىلەن جۇڭگو - پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2024年02月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭى دې سۇسا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە يەرشارىۋى ئاممىۋى سەھىيە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يولنى جانلىق ئىزاھلىدى. مەن جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ دې سۇسا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

دې سۇسا مۇنداق بىلدۈردى: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئىناق ئۆتۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەت ئاۋمېن ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو − پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇردى. پورتۇگالىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.